6
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى
2تار. 3‏:1-14
ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى تۆت يۈز سەكسىنىنچى يىلى، سۇلايماننىڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا، يەنى زىف ئېيىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى ياساشقا باشلىدى.  
سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى يىگىرمە گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز ئىدى. ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن باراۋەر بولۇپ، يىگىرمە گەز ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئون گەز ئىدى.
ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى. ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا يانداش ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئىمارەتنى سالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە ھۇجرىلارنى ياسىدى.
تاشقىرىقى ئىمارەتنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى بەش گەز، ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز، ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى يەتتە گەز ئىدى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى.
ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي تەييار قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن تاشلاردىن بىنا قىلىنغانىدى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇنى ياسىغان ۋاقىتتا نە بولقا نە پالتا نە باشقا تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئۇ يەردە ھېچ ئاڭلانمايتتى.
تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى؛ بىر ئايلانما پەلەمپەي ئوتتۇرا قەۋەتكە ئاندىن ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقاتتى.
شۇنداق قىلىپ سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىگە خار-لىملارنى بېكىتىپ، ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلىدى. 10  ئۇ ئىبادەتخانىغا يانداش ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكىنى بەش گەزدىن قىلدى. شۇ ئىمارەتنىڭ قەۋەتلىرى ئىبادەتخانىغا كېدىر لىملىرى ئارقىلىق تۇتۇشۇقلۇق ئىدى.
 
11  پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سۇلايمانغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدىكى: ــ
12  «سەن ماڭا ياساۋاتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كەلسەك، ئەگەر سەن بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، ھۆكۈملىرىمگە رىئايە قىلىپ، بارلىق ئەمرلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلاردا ماڭساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا سەن توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزۈمگە ئەمەل قىلىمەن؛ 13  مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن».
14  سۇلايمان ئىبادەتخانىنى ياساپ پۈتتۈردى. 15  ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپىنى ئۇ كېدىر تاختايلىرى بىلەن ياساپ، ئىبادەتخانىنىڭ تېگىدىن تارتىپ تورۇسنىڭ لىملىرىغىچە ياغاچ بىلەن قاپلىدى؛ ۋە ئارچا تاختايلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا پول ياتقۇزدى.
16  ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئارقا تېمىدىن يىگىرمە گەز ئۆلچەپ ئارا تام ياساپ، ئىچكىرىكى خانىنى ھاسىل قىلدى؛ ئۇ تېگىدىن تارتىپ تورۇس لىملىرىغىچە كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلىدى. بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى.
17  ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۆي، يەنى مۇقەددەس خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز ئىدى. 18  ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تاملىرىغا قاپاق ۋە چېچەكنىڭ نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنغانىدى. ئىبادەتخانا پۈتۈنلەي كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلانغانىدى. ھېچ تاش كۆرۈنمەيتتى.
19  پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۇ يەردە قويۇش ئۈچۈن، ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىدىكى كالامخانىنى ياسىدى. 20  كالامخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، توغرىسى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇندىن قاپلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى. 21  سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇ ئىچكى كالامخانىنىڭ ئالدىنى ئالتۇن زەنجىرلەر بىلەن توسىدى؛ كالامخانىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 22  شۇ تەرىقىدە ئۇ پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى، يەنى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ئالتۇن بىلەن تولۇق قاپلىغانىدى. كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھنىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلىغانىدى.
23  كالامخانىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئىككى كېرۇبنىڭ شەكلىنى ياسىدى. ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز ئىدى.    24  بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش گەز ۋە يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەم بەش گەز بولۇپ، بىر قانىتىنىڭ ئۇچىدىن يەنە بىر قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە ئون گەز ئىدى. 25  ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتى قوشۇلۇپ ئون گەز ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى ئوخشاش ئىدى. 26  بىر كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز بولۇپ، ئىككىنچى كېرۇبنىڭكىمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. 27  ئۇ كېرۇبلارنى ئىچكىرىكى خانىدا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى يېيىلىپ تۇراتتى. بىرسىنىڭ بىر قانىتى بىر تامغا تېگىپ، ئىككىنچىسىنىڭ قانىتى ئۇدۇلىدىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى؛ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. 28  ئۇ كېرۇبلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
29  ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنىڭ پۈتكۈل ئىچ چۆرسىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭ چۆرىسىنى كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى بىلەن نەقىش قىلدى. 30  ئىبادەتخانىنىڭ پولىنى، يەنى ئىچكىرىكى خانىنىڭ ھەم تاشقىرىقى خانىنىڭكىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
31  كالامخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەن قوش ئىشىكلەرنى ياسىدى. ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى. 32  بۇ قوش ئىشىكلەر زەيتۇن ياغىچىدىن ئېتىلگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرى نەقىش قىلىنىپ زىننەتلەنگەنىدى؛ ئۇ ئىشىكلەرنى، جۈملىدىن كېرۇب بىلەن خورما دەرەخلىرىنىڭ نەقىشلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى.
33  ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى خانىسىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشەكلىرىنى زەيتۇن ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇلار ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى؛ 34  قوش قاناتلىق ئىشىك بولسا ئارچا ياغىچىدىن ياسالدى. بىر قانىتى يېيىلىپ قاتلىناتتى، ئىككىنچى قانىتىمۇ يېيىلىپ قاتلىناتتى. 35  ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېرۇبلار، خورما دەرەخلىرى ۋە چېچەك نۇسخىلىرىنى نەقىش قىلدى؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، جۈملىدىن نەقىشلەر ئۈستىگە ئالتۇن قاپلىدى.
36  ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ تېمىنى بولسا ئۇ ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش بىلەن بىر قەۋەت كېدىر ياغىچىدىن ياسىدى.
37 سۇلايماننىڭ سەلتەنىتىنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇلى سېلىندى. 38  ۋە ئون بىرىنچى يىلىنىڭ بۇل ئېيىدا، يەنى سەككىزىنچى ئايدا ئىبادەتخانىنىڭ ھېچيېرى قالدۇرۇلماي، لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆينى ياسىشىغا يەتتە يىل كەتتى.
 
 
6:1 2تار. 3‏:2؛ روس. 7‏:47 6:2 «ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى...». «پەرۋەردىگارغا ياسىغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاتمىش گەز...» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز»نى بەلكىم بىر «جەينەك» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ ــ يەنى ئادەمنىڭ جەينىكىدىن بارماقلىرىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىق (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى. 6:3 يـۇھ. 10‏:23؛ روس. 3‏:11؛ 5‏:12 6:4 «ئۇ ئىبادەتخانىغا روجەكلىك دېرىزە-پەنجىرىلەرنى ئورناتتى» ــ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن بولغىنى بىلەن ھەرھالدا بۇ سۆزلەر دېرىزىلەرنى كۆرسىتىدۇ. 6:5 «ئىبادەتخانا تېمىغا، يەنى مۇقەددەس جاي ۋە «كالامخانا»نىڭ تېمىغا...» ــ مۇشۇ يەردە «كالامخانا» «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ باشقا بىر ئىسمىدۇر. 16:6نى ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. «كالامخانا» دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىچىدە «ئەھدە ساندۇقى» بار ئىدى، «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە خۇدانىڭ ئىسرائىل بىلەن تۈزگەن ئەھدىنامىسى ساقلاقلىق ئىدى. 6:6 «...ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى تېمىدا لىملارنى ئورناتقان تۆشۈكلەر بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ تامغا تەكچە چىقىرىلغانىدى» ــ لىمنىڭ يەنە بىر ئۇچى «تاشقى ئىمارەت»نىڭ تاشقى تېمىغا بېكىتىلىشى ئۈچۈن شۇ تەرەپتە تۆشۈك تېشىلگەن بولسا كېرەك. «ئىبادەتخانا سخېمىسى»نى كۆرۈڭ. 6:8 «تۆۋەنكى قەۋەتنىڭ ھۇجرىلىرىنىڭ كىرىش ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىدى» ــ بىز مۇشۇ يەردە («تۆۋەنكى قەۋەت» دېگەن سۆزلەر بىلەن) كونا گرېك تىلىدىكى تەرجىمىگە ئەگەشتۇق. «ئىبادەتخانىنىڭ ئوڭ تەرىپى» ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدۇر. 6:12 2سام. 7‏:13؛ 1پاد. 2‏:4؛ 9‏:4؛ 1تار. 22‏:10، 19 6:16 «بۇ ئەڭ ئىچكىرىكى خانا بولۇپ، يەنى «كالامخانا»، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئىدى» ــ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ «كالامخانا» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭدا خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرغان «ئەھدە تاش تاختىلىرى» (خۇدانىڭ كالامى) «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە تۇراتتى؛ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بەلكىم بەزى ۋاقتىدا، باش كاھىن شۇ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غا كىرگەندە، خۇدانىڭ بېشارەتلىرى ئۇلارغا كېلىشى مۇمكىن ئىدى. 6:20 «ئۇ ... ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغاچلىق قۇربانگاھنىمۇ شۇنداق قاپلىدى» ــ بۇ ئىچىدىكى قۇربانگاھقا قۇربانلىقلار سۇنۇلمايتتى؛ ئۇ «خۇشبۇيدان» ياكى «خۇشبۇيگاھ» ئىدى. 6:22 «كالامخانىغا تەئەللۇق بولغان قۇربانگاھ» ــ بۇ «قۇربانگاھ»، يەنى «خۇشبۇيدان» ئادەتتە كالامخانىنىڭ سەل ئالدىدا، «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىچىدە ئىدى. 6:23 «كېرۇبلار» ــ كېرۇبلار بولسا خۇدانىڭ ھۆكۈم-جازالىرىنى يەتكۈزىدىغان، ئىنتايىن كۈچلۈك پەرىشتىلەردۇر. مەسىلەن، «يار.» 24:3 ۋە «ئەز.» 10-بابنى كۆرۈڭ. 6:23 مىس. 25‏:18 6:27 مىس. 25‏:20 6:31 «ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى ۋە بېشى ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمى ئىدى» ــ باشقا تەرجىمىسى: «ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى بەش چاسىلىق ئىدى». ئىبرانىي تىلىنى چۈشىنىش تەس. 6:33 « كېشەكلەر ئۆينىڭ توغرىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ئىدى» ــ باشقا تەرجىمىسى: «ئۇلار (كېشەكلەر) تۆت چاسىلىق ئىدى». ئىبرانىي تېكىستنى چۈشىنىش تەس. 6:37 «تۆتىنچى يىلىنىڭ زىف ئېيىدا...» ــ «زىف» ئېيى ئىككىنچى ئاي. بۇ بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 966-يىلى، ئاپرېل ياكى ماي ئايلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 6:38 «لايىھە بويىچە پۈتۈنلەي تامام بولدى» ــ مۇشۇ يەردە «لايىھە» بەلكىم داۋۇت مۇقەددەس روھنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئالدىن كۆرسەتكەن سخېمىسىنى كۆرسىتىدۇ «1تار.» 19:28).