34
34-كۈي •••• خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا مەدھىيە •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
(داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان)
|א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.
2 |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ،
مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3 |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار،
بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4 |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم،
ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى،
مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5 |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛
|ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6 |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى،
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7 |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ،
ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
8 |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن،
ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9 |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار!
چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10 |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ،
ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.
11 |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12 |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟
كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟
13 |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر،
لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14 |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛
ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.
15 |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ،
ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛
16 |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار،
ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛
17 |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
18 |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،
روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.
19 |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛
بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.
20 |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ،
ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
21 |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛
ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ.
22 |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛
ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.