53
53-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»:
ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ.
ئۇلار چىرىكلىشىپ،
نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر.
2 خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ:
«بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟
خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟
3 ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى،
ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى،
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.
4 ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ.
5 قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ،
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛
چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛
سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛
چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى.
6 ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى!
خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا،
ياقۇپ شادلىنىدۇ،
ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ!