4
بەشىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئالتۇن چىراغدان
1 ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە قايتىپ كېلىپ مېنى ئويغىتىۋەتتى. مەن خۇددى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىۋېتىلگەن ئادەمدەك بولۇپ قالدىم؛
2 ئۇ مەندىن: «نېمىنى كۆردۈڭ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مانا، مەن پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم؛ ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر قاچا، يەتتە چىرىغى ۋە يەتتە چىراغقا تۇتىشىدىغان يەتتە نەيچە بار ئىكەن؛
3 ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى زەيتۇن دەرىخى بار، بىرسى ئوڭ تەرەپتە، بىرسى سول تەرەپتە»، دېدىم.
4 ئاندىن جاۋابەن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: «ئى تەقسىر، بۇلار نېمە؟» ــ دەپ سورىدىم.
5 مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا جاۋابەن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» ــ دېدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
6 ئاندىن ئۇ ماڭا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مانا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ زەرۇببابەلگە قىلغان سۆزى: «ئىش كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئەمەس، ئىقتىدار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم ئارقىلىق پۈتىدۇ! ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
7 ــ ئى بۈيۈك تاغ، سەن زادى كىم؟ زەرۇببابەل ئالدىدا سەن تۈزلەڭلىك بولىسەن؛ ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جىپسىما تاشنى قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: «ئىلتىپاتلىق بولسۇن! ئىلتىپات ئۇنىڭغا!» دېگەن توۋلاشلار ياڭراپ ئاڭلىنىدۇ».
8 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
9 «زەرۇببابەلنىڭ قولى مۇشۇ ئۆينىڭ ئۇلىنى سالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئۇنى پۈتتۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
10 كىم ئەمدى مۇشۇ «كىچىك ئىشلار بولغان كۈن»نى كۆزگە ئىلمىسۇن؟ چۈنكى بۇلار شادلىنىدۇ، ــ بەرھەق، بۇ «يەتتە» شادلىنىدۇ، ــ زەرۇببابەلنىڭ قولى تۇتقان تىك ئۆلچەم تېشىنى كۆرگەندە شادلىنىدۇ؛ بۇ «يەتتە» بولسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە سەپسېلىپ قاراۋاتقان كۆزلىرىدۇر».
11 مەن جاۋابەن پەرىشتىدىن: «چىراغداننىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمە؟» دەپ سورىدىم؛
12 ۋە ئىككىنچى قېتىم سوئالنى قويۇپ ئۇنىڭدىن: «ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئالتۇن نەيچە ئارقىلىق ئۆزلىكىدىن «ئالتۇن» قۇيۇۋاتقان شۇ ئىككى زەيتۇن شېخى نېمە؟» دەپ سورىدىم.
13 ئۇ مەندىن: «بۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ياق، تەقسىر» ــ دېدىم.
14 ئۇ ماڭا: «بۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان «زەيتۇن مېيىدا مەسىھ قىلىنغان» ئىككى ئوغۇل بالىدۇر» ــ دېدى.