9
ھەدىيەنى تەييارلاش ــ سېخىي بولۇشقا ئۈندەش
چۈنكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بۇ ياردەم خىزمىتى توغرۇلۇق سىلەرگە يەنە يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق بەل باغلىغىنىڭلارنى بىلىمەن؛ مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ماكېدونىيەدىكى قېرىنداشلارغا پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەير-سەدىقە بېرىشىگە تۈرتكە بولدى. لېكىن قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم سىلەرنىڭ توغراڭلاردا پەخىرلىنىپ ماختىشىمنىڭ بۇ ئىشلاردا بىھۇدە ئىش بولۇپ قالماسلىقى، سىلەرنىڭ دېگىنىمدەك تەييار بولۇپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. مۇبادا ماكېدونىيەدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغىنىدا، سىلەر تەييارلىقسىز بولساڭلار، بۇ ئىشەنچىمىز ۋەجىدىن بىز خىجالەتكە قالدۇرۇلىمىز، سىلەر سۆزسىز شۇنداق بولىسىلەر. شۇ سەۋەبتىن مەن قېرىنداشلاردىن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەردىن بۇ ۋەدە قىلغان خەيرلىك ئىشنى ئالدىنئالا تەييارلاپ پۈتتۈرۈشىنى ئۆتۈنۈشنى زۆرۈر دەپ ھېسابلىدىم؛ شۇنداقلا بۇ سىلەردىن بىرەر نەرسە ئۈندۈرىۋېلىش بولمىسۇن، بەلكى مېھرىبانلىقىڭلاردىن بولسۇن. ئەمما بۇنى ئەسلەڭلار: بېخىللىق بىلەن ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ.   ھەر ئادەم ھېچ قىينىلىپ قالماي ياكى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە پۈككىنىچە بەرسۇن؛ چۈنكى خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما خۇدا ھەربىر ئىلتىپات-شاپائەتنى سىلەرگە ئېشىپ تاشتۇرۇشقا قادىردۇر؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەردائىم ھەرتەرەپتە ھەر ئېھتىياجقا تەييار قۇۋۋەتلىنىسىلەر، كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگىنىدەك: ــ
«ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان،
ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ».  
10 ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ، ھەققانىيلىقىڭلارنىڭ ھوسۇل-مېۋىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. 11 شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ 12 چۈنكى بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش پەقەت مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى قاندۇرۇپلا قالماي، كۆپ كىشىلەرنىڭ خۇداغا يەتكۈزگەن تەشەككۈرلىرىنى ئېشىپ تاشتۇرىدۇ. 13 بۇ ياردەم خىزمىتى ئۆزلىرىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېتىراپ قىلىشىڭلاردىكى مېۋە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلارغا دەلىل-ئىسپات بولىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنىڭ مۇشۇ ھاجەتمەن بەندىلەرگە، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرگە كۆرسەتكەن ئوچۇق قوللۇق سېخىيلىقىڭلاردىن ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. 14 ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ. 15 ئۇنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاجايىب سوۋغىسى ئۈچۈن خۇداغا تەشەككۈر بولغاي!
 
 
9:1 روس. 11‏:29؛ رىم. 15‏:26؛ 1كور. 16‏:2؛ 2كور. 8‏:4. 9:2 «مەن بۇ توغرۇلۇق: ئاخايادىكىلەر ئۆتكەن يىلدىن بېرى خەير-سەدىقە بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ... پەخىرلىنىپ ماختاپ كەلمەكتىمەن» ــ كورىنت شەھىرى ئاخايا ئۆلكىسىدە ئىدى. 9:3 «قېرىنداشلارنى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىم...» ــ «قېرىنداشلار» يەنى تىتۇس ھەم يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى قېرىنداش. 9:6 «ئوچۇق قوللۇق بىلەن تېرىغىنى مول ئالىدۇ» ــ ياكى «بەرىكەتلەپ تېرىغىنى بەرىكەتلىنىپ ئالىدۇ». 9:6 پەند. 11‏:24؛ گال. 6‏:7. 9:7 مىس. 25‏:2؛ 35‏:5؛ قان. 15‏:7؛ رىم. 12‏:8. 9:8 «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ قوللىرىڭلار ھەرخىل گۈزەل ئىشقا يېتىدۇ» ــ «كەڭرىچىلىكتە تۇرۇپ» گرېك تىلىدا «ئېشىپ تاشقىنلىنىپ» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. 9:9 «ئۇ ئۆزىنىڭكىنى تارقاتقان، ئۇ يوقسۇللارغا سەدىقە بەرگەن؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ» ــ «زەب.» 9:112. 9:9 زەب. 112‏:9 9:10 «ئەمدى تېرىغۇچىغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى نان ئاتا قىلغۇچى سىلەرنىڭ تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلارنى تەمىنلەپ مول قىلىدۇ،...» ــ «تېرىيدىغان ئۇرۇقلىرىڭلار» ھەرخىل كۆچمە مەنىدە بولۇپ، «ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن خەيرلىك قىلىش پۇرسەتلىرى»، «باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش پۇرسەتلىرى» دېگەندەك مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ «مېۋىلىرى» بولسا، باشقىلارنى ئېتىقادقا كەلتۈرۈش، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرخىل ئېسىل نەتىجىلەرنى كۆرسىتىدۇ ــ 11-12-ئايەتنى كۆرۈڭ. 9:11 «شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەرقانداق ئەھۋالدا قولى ئوچۇق بولۇشقا ھەر تەرەپتە بېيىتىلىسىلەر، شۇنىڭدەك بۇ ئىش بىز ئارقىلىق خۇداغا كۆپ تەشەككۈرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ» ــ ئىئانە يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇلغاندا، ئۇلار خۇداغا كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا باشقا جامائەتلەرمۇ ئۇ ئىشنى ئاڭلاپ شۇنداق قىلىدۇ. 9:12 «بۇ خەيرلىك خىزمەتنى ئادا قىلىش» ــ «ئادا قىلىش» مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «(كاھىنلار) قۇربانلىق قىلغاندەك ئادا قىلىش». 9:14 «ۋە خۇدانىڭ سىلەردە تاشقىنلاتقان ئاجايىب مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلغىنىدا، ئۇلار سىلەرگە تەلپۈنۈپ قاتتىق سېغىنىپ ئەسلەيدۇ» ــ «رىم.» 26:15-27دىن كۆرۈنىدۇكى، كورىنتتىكى (ئاقايادىكى) جامائەتلەر پاۋلۇسنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاخىر قوبۇل قىلىپ چوڭ ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى.