2
چۈنكى مەندە سىلەر ئۈچۈن، لائودىكىيەدىكىلەر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن نەقەدەر زور كۈرەشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىلەرگە بىلگۈزمەكچىمەن؛ كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر؛   چۈنكى ئۇنىڭدا دانالىقنىڭ ۋە بىلىمنىڭ بارلىق بايلىقلىرى يوشۇرۇنغاندۇر.
مېنىڭ بۇنى دېيىشىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى قايىل قىلارلىق سىلىق-سىپايە گەپلىرى بىلەن ئالدىماسلىقى ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى گەرچە تەن جەھەتىدىن سىلەردىن نېرى بولساممۇ، روھ جەھەتىدىن مەن سىلەر بىلەن بىللىمەن، سىلەرنىڭ سەپتە تۇرۇۋاتقىنىڭلارغا ۋە مەسىھگە باغلىغان ئېتىقادىڭلارنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ شادلىنىمەن. مەسىھ، رەب ئەيسانى قانداق قوبۇل قىلغان بولساڭلار، شۇ ھالدا ئۇنىڭدا مېڭىڭلار، سىلەر تەلىم بېرىلگەندەك ئۇنىڭدا يىلتىز تارتىپ، ئېتىقادىڭلار قۇرۇلۇۋاتقان ھالدا، ئېتىقادتا خاتىرجەم قىلىنىپ، رەھمەت ئېيتىشلار بىلەن تاشقىنلاپ تۇرغۇچى بولۇڭلار؛ ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار؛   چۈنكى ئۇنىڭدا، يەنى مەسىھدە، خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل جەۋھىرى تەن شەكلىدە تۇرىدۇ؛ 10 ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛
  
11 سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن گۇناھلىق ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛

  
12 ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر.  
13 ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ،    14 بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى. 15 ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى.   
16 ئەمدى ھېچكىمنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ھېيت-بايراملار، «يېڭى ئاي» ياكى شابات كۈنلەر جەھەتلىرىدە سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار؛ 17 بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!  
18 ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار؛ مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن ھاكاۋۇرلىشىپ، كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر؛    19 ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر؛ لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا.
20‏-21 ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار، نېمىشقا (بۇ دۇنيادا ياشىغانلاردەك) «تۇتما!» «تېتىما!» «تەگمە!» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىسىلەر   22 (بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ)؟ مۇشۇنداق بەلگىلىمىلەر پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان كۆرسەتمىلەر ۋە تەلىملەردىن ئىبارەت، خالاس؛    23 ئۇلاردا دەرۋەقە بىرخىل پىدائىيلارچە ئىبادەت، كىچىك پېئىللىق ۋە ئۆز تېنىگە قارىتا قاتتىق قوللۇق بولۇشنى دەۋەت قىلىش بولغاچقا، ئۇلاردا دانالىقنىڭ كۆرۈنۈشى بار؛ ئەمەلىيەتتە بۇنداق دانالىقنىڭ پايدىسى يوقتۇر ــ ئۇلار پەقەت ئەتتىكى ھەۋەسلەرگە يول قويىدۇلا، خالاس.
 
 
2:1 «شۇنىڭدەك دىدارىمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...» ــ گرېك تىلىدا: «شۇنىڭدەك ئەتنىڭ جەھەتىدە يۈزۇمنى كۆرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن...». شۈبھىسىزكى، روسۇل جامائەتتە روھ جەھەتىدىن بىر-بىرىمىزنى تونۇشىمىز مۇمكىن، دېمەكچى. 2:2 «كۈرىشىمنىڭ نىشانى، ھەممەيلەننىڭ مېھىر-مۇھەببەتتە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، قەلبلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى، خۇدانىڭ سىرىنى، يەنى مەسىھنى چۈشىنىشتە ۋە تولۇق بىلىشتە بولغان ئىشەنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر» ــ دېمىسەكمۇ، بۇ «كۈرىشىم» روھىي جەھەتتىن، دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن ھەر تۈرلۈك جىن-شەيتانلار بىلەن قارىشىلىشتىكى كۈرەش، ئەلۋەتتە. 2:2 يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ فىل. 3‏:8. 2:3 1كور. 1‏:24. 2:4 ئ‍ەف. 5‏:6؛ كول. 2‏:18. 2:5 1كور. 5‏:3؛ 14‏:40. 2:7 1كور. 1‏:5؛ ئ‍ەف. 3‏:17. 2:8 «ھېچكىمنىڭ مەسىھ بويىچە بولمىغان، پەيلاسوپلۇق ياكى بىمەنە ئالدامچىلىق بىلەن، ئىنسانلاردىن كەلگەن تەلىملەر، يەنى بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» بويىچە سىلەرنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن ھېزى بولۇڭلار» ــ «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:8 رىم. 16‏:17؛ ئىبر. 13‏:9. 2:10 «ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر» ــ «سىلەر ئۇنىڭدا ... مۇكەممەلدۇرسىلەر» دېگەن مۇھىم ئىبارە توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «بارلىق ھۆكۈمدارلار... ھەم ھوقۇقدارلار» ــ ھەم ئاسماندىكى هەم زېمىندىكى بارلىق ھوقۇققا ئىگە بولغانلار. 2:10 يـۇھ. 1‏:16. 2:11 «سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن (گۇناھلىق) ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر» ــ بۇ ئايەتتىكى سۈننەت ئادەمنىڭ تېنىدە ئەمەس، بەلكى روھ-قەلبىدىدۇر، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، «ئەتلىك تەن» دېگەن ئىبارىدە «ئەت» دېگەن سۆز ئىنجىلدىكى ئالاھىدە مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، يەنى ئىنسانىي گۇناھقا ئەسىر بولغان تەبىئەتنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «ئەت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «مەسىھنىڭ سۈننىتى» «مەسىھنىڭ ئۆزى قىلىدىغان سۈننەت»، ياكى «مەسىھنىڭ ئۆلۈمى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ. 2:11 قان. 10‏:16؛ يەر. 4‏:4؛ رىم. 2‏:29؛ فىل. 3‏:3. 2:12 «ئۇنىڭ بىلەن تەڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتە دەپنە قىلىنغانسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ ۋۇجۇدۇڭلاردا ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تىرىلگەنسىلەر» ــ بۇ ئايەتتىكى «چۆمۈلدۈرۈلۈش» ئالدى بىلەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى كۆرسەتكىنى بىلەن، ئۇ يەنە بەرىبىر «روھقا چۆمۈلدۈرۈلۈش»نىمۇ كۆرسىتىدۇ. يەنە يۇقىرىقى «سۇننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ. 2:12 رىم. 6‏:4؛ گال. 3‏:27؛ ئ‍ەف. 1‏:19؛ 3‏:7. 2:13 «ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ،...» ــ «ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار» ئۇلارنىڭ ئەسلىدە (ھەممىمىز مەسىھسىز بولغان ۋاقتىمىزدىكىدەك) ئۆز «گۇناھلىق ئەت»ىمىزگە ئەسىر-قۇل بولغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. 2:13 ئ‍ەف. 2‏:1. 2:14 «بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق يەنە «قوشۇمچە سۆزىمىز»نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ كرېستىگە مىخلاتقۇزدى». 2:15 «ئۇ ھۆكۈمدارلاردىن ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئولجا ئېلىپ، كرېستتە ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تەنتەنە بىلەن غەلىبە قىلدى» ــ بۇ ئايەتتىكى «ھۆكۈمدارلار ۋە ھوقۇقدارلار» بولسا جىن-شەيتانلار؛ مەسىھ ئۇلاردىن ئالغان ئولجا بولسا ئۆزىگە ئېتىقاد باغلىغان، ئەسلىدە جىن-شەيتانلارنىڭ ئىلكىدە تۇرغان بىزلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە! باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «...ھۆكۈمدارلارنى... قورالسىز قىلىپ...». 2:15 يار. 3‏:15؛ مات. 12‏:29؛ لۇقا 11‏:22؛ يـۇھ. 12‏:31؛ 16‏:11. 2:16 لاۋ. 11‏:2؛ 23‏:2؛ رىم. 14‏:2؛ گال. 4‏:10. 2:17 «بۇ ئىشلار بولسا بىر كۆلەڭگە، خالاس؛ ئۇنىڭ جىسمى بولسا مەسىھنىڭكىدۇر!» ــ «جىسمى» ــ دېمەك، «كۆلەڭگۈنى يەرگە تاشلىغان جىسىم». بۇ مۇھىم ئايەت توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 2:17 ئىبر. 8‏:5؛ 10‏:1. 2:18 «ھېچكىمنىڭ سىلەرنى «كىچىك پېئىللىق» ۋە پەرىشتىلەرگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئىنئامىڭلاردىن مەھرۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھېچكىمنىڭ.... ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشىغا يول قويماڭلار...». «دەۋەت قىلىپ» دېگەن ئىبارە «بۇ ىىشلاردىن سۆيۈنۈپ» دېگەن مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مۇشۇنداق كىشىلەر گۇناھلىق ئەتلىرىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىلەن...» ــ دېمەك، ئوي-پىكىرلىرى مۇقەددەس روھتىن ئەمەس، بەلكى ئۆز گۇناھلىق ئەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغاندۇر. «كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر» ــ بەزى كونا تېكىستتىكى كۆچۈرمىلەردە «كۆرمىگەن كۆرۈنۈشلەرگە ئېسىلىۋالماقتىدۇر» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە «كۆرگەن» دەپ ئوقۇش توغرىدۇر؛ بۇ كىشىلەر كۆرگەن «كۆرۈنۈشلەر» ئۆزىنىڭ خام خىياللىرىدىن چىققان، ئەلۋەتتە. 2:18 يەر. 29‏:8؛ مات. 24‏:4؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ 2تېـس. 2‏:3؛ 1يۇھ. 4‏:1. 2:19 «ئۇلار «باش»نى چىڭ تۇتقىنى يوقتۇر. لېكىن باشتىن ئۈگە ۋە سىڭىرلار ئارقىلىق پۈتكۈل تەن قۇۋۋەتلىنىدۇ ۋە بىر-بىرىگە باغلىنىپ، خۇدادىن كەلگەن ئاۋۇش بىلەن ئاشماقتا» ــ «باش» بولسا مەسىھدۇر. مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان جامائەتنىڭ بېشىدۇر. «تەن» ــ جامائەت. 2:20‏-21 «ئەگەر مەسىھ بىلەن بۇ دۇنيادىكى قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە نىسبەتەن ئۆلگەن بولساڭلار...» ــ بۇ مۇھىم ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 2:20‏-21 گال. 4‏:9. 2:22 «بۇنداق بەلگىلىمىلەر ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىش بىلەن يوقىلىدۇ» ــ دېمەك «تۇتما، تېتىما، تەگمە» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەممىسى خۇدا ئالدىدا ئەڭ مۇھىم ئىش بولغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئەمەس، بەلكى يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 2:22 يەش. 29‏:13؛ مات. 15‏:9؛ تىت. 1‏:14. 2:23 1تىم. 4‏:8؛ 5‏:23.