18
يەشايانىڭ ئېفىئوپىيىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە بەرگەن بېشارىتى
1-2 ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ
سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛
ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر،
ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە،
يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە،
زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن،
كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار!
3 جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى،
جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر!
تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا،
كۆرۈڭلار!
كاناي چېلىنغاندىلا،
ئاڭلاڭلار!
4 چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن،
نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك،
ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك،
ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛
5 چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا،
ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن،
چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا،
ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ،
ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.
6 ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا،
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ.
ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ،
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.
7 شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛
يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن،
يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن،
زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن،
كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا،
يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.