25
خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان، ئاخىرقى زاماندىكى ناخشا
1 پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛
مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن،
مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن،
چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى،
سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن.
2 چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك،
قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب،
ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن،
ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ. ◘
3 شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ،
ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛
4‏-5 چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان،
يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان،
بورانغا دالدا،
ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛
چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك،
قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى.
بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك،
سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛
ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ.
6 ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ
مايلىق يېمەكلىكلەر،
سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار،
يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر،
سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛ ◼
7 ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى،
بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛
8 ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ!
رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتۈۋېتىدۇ؛
پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان. ◘
9 ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ
«مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن،
ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛
مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن،
بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز.
10 چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛
ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ ◼
11 موئاب ئاشۇ تېزەكلىك ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ،
بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، رەب ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ. ◼  ◘
12 ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ،
يەر بىلەن يەكسان قىلىپ،
توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ.
 
 
◘ 25:2 يەش. 21‏:9؛ 23‏:13؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2 ◼ 25:6 «يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر» ــ يەھۇدىيلار ئۈچۈن، شۇنداقلا بارلىق قەدىمكى خەلقلەر ئۈچۈن مايلىق ۋە يىلىكلىك يېمەكلىكلەر ئەڭ ئېسىل تاماق ئىدى. ◘ 25:8 1كور. 15‏:54 ◼ 25:10 «مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ» ــ دېمەك، خۇدا شۇنداق قىلىپ، بەخت ۋە ئارام ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تونۇتىدۇ. ◼ 25:11 «رەب ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ». ◘ 25:11 يەش. 16‏:6