13
ئايۇپنىڭ دوستلىرىغا سۆزلەشتىن توختاپ، يەنە خۇداغا قاراپ سۆزلىشى
مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛
مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن.
سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛
مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق.
بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر،
مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ.
سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار،
ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر.
سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى!
بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى!
مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار،
لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار.
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟
ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ خۇشامەت قىلماقچىمۇسىلەر؟!
ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟
ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟
ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟
10  سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار،
ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ.
11  بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى،
ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟
12  پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛
سىلەر ئىشەنچ باغلىغان ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس.
13  مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار.
بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن!
14  قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن،
مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!
15  ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛
بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛   
16  بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛
چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ.
17  سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار،
بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار.
18  مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛
مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
19  مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟
ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!
20 ئاھ خۇدا! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛
شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن:
21 ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛
ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن.
22  ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛
ياكى مەن ساڭا دەۋايىمدىن سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
 
ئايۇپ دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ
23  مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟
ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر!
24  نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟
نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟
25  ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟
قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟
26  چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن،
سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن.
27‏-28 مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە،
مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن،
لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن،
ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛
تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن.
 
 
13:3 «... مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ» ــ ياكى «... مېنىڭ خۇدا بىلەن دەۋالاشقۇم كېلىدۇ». 13:4 ئايۇپ 16‏:2 13:5 پەند. 17‏:28 13:7 ئايۇپ 17‏:5؛ 32‏:21؛ 36‏:4 13:10 «.... سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ» ــ ئايۇپنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن مەنىلەر ئىپادىلىنىدۇ. ئايۇپنىڭ بۇ بايانى ئۇلاردىن ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان بىر مىسال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۈچ دوستىغا ناھايىتى كەسكىن ھالدا خۇداغا خۇشامەتچىلىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 12-بابتا ئۇ خۇدانىڭ ئادالىتىدىن گۇمانلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ مۇشۇ يەردە خۇدا ھەقىقەتنى ئىنتايىن ئەتىۋارلايدۇ. خۇدا دۇرۇس، لىللا گەپنى بەك سۆيىدۇ، كىشىلەرنىڭ خۇداغا ۋاكالەتچى بولۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ چىرايلىق پىكرىنى ئىپادىلىشىگە قەتئىي بولمايدۇ، دېگەن كۆزقاراشنى ئىپادىلەيدۇ. خۇدانىڭ ھۆرمىتىگە لايىق سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىنسانغا بەرگەن ۋەھىيسىنى ئاساس قىلىش ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رېئاللىقتىن قەتئىي ئايرىلماي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى كۆرۈنەرلىك پاكىتلارغا يۈزلىنىش زۆرۈردۇر. مەيلى خۇداغا، مەيلى باشقىلارغا خۇشامەتلىك ياكى يالغان گەپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇ ئۈچ دوستىغا ئاگاھلاندۇرىدۇكى، خۇداغا خۇشامەتچىلىك قىلسا، خۇدا ئۇلارنى جازالايدۇ. بۇ گەپ ئايۇپنىڭ خۇدانىڭ ئادالىتىگە قەتئىي ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ھازىرقى ئېتىقادى ھەم گۇمانى ئارىسىدىكى ئىچىدە بولغان كۈرەشنى بىزگە ئايان قىلىدۇ. 13:12 «سىلەر ئىشەنچ باغلىغان ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، ....» ــ ياكى «سىلەر ئىشەنچ باغلىغان جاۋابلارپەقەت لاي ئىستىھكاملار، ....». 13:14 «قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن» ــ سۆزمۇسۆز بولسا: «قانداقلا بولمىسۇن (يانى «نېمىشقا») ئەتلىرىمنى چىشىمدا ئېلىپ كۈرەش قىلىمەن؟» ــ ئۇ ئۆزىنى كەسكىن كۈرەش قىلماقچى بولغان بىر ھايۋانغا ئوخشىتىدۇ. «مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن!» ــ ياكى: «نېمىشقا جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويدۇم؟». 13:15 «ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن...» ــ بۇ ئايەت ئايۇپنىڭ ئېتىقادقا ئەڭ تولغان بايانلىرىدىن بىرى. ئىبرانىي تىلىدا «كۈتۈش» ۋە «تايىنىش» بىر پېئىل بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 13:15 زەب. 23‏:4؛ پەند. 14‏:32 13:19 «مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم!» ــ بۇ تېكىستنىڭ تۆت خىل تەرجىمىسى ياكى چۈشەنچىسى بار: ــ (1) ئايۇپ بىرەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ؛ ھەتتا بىرسى بەس-مۇنازىرىگە چىقسىلا: «مەن ئۇنىڭ سوئالىغا پىسەنت قىلماي، بۇ دۇنيادىن كېتىمەن» دېگەندەك؛ (2) ...ئۇنداق ئادەم چىقسا، مەن گەپ قىلماي سۈكۈتتە ئۆلۈپ كېتىشكە رازىمەن!؛ (3) ئۇ كىمنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىدىن قەتئىينەزەر، سۈكۈت قىلىشقا قەتئىي ئۇنىمايدۇ؛ (4) بىرسىنىڭ ئۆزى بىلەن يەنە بەس-مۇنازىرە قىلغۇسى بولسا، تېز بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇ پات ئارىدا دۇنيادىن كېتىدۇ. بىز ئۈچىنچىسىنى ئىشلەتتۇق. 13:20 ئايۇپ 9‏:34؛ 33‏:7 13:21 «ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن... قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن» ــ بىرىنچى ئىش بولسا، خۇدانىڭ ئۆز قولىنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلىشى بىلەن ئۇ ئازراق دەم ئالالايدۇ؛ ئىككىنچى ئىش، خۇدانىڭ ۋەھىمىسى بولمىسا ئۇ جۈرئەتلىك بولۇپ سۆز قىلىدۇ، دېگەنلىك. 13:24 ئايۇپ 16‏:9؛ 19‏:11؛ 33‏:10؛ يىغ. 2‏:5 13:26 زەب. 25‏:7 13:27‏-28 ئايۇپ 33‏:11