17
1 مېنىڭ روھىم سۇنۇق،
كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ،
گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە.
2 ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟
كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر.
3 ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛
سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟
4 چۈنكى سەن دوستلىرىمنىڭ كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛
شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن!
5 غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا،
ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ.
6 ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛
مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم.
7 دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى،
بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى.
8 بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛
بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ.
9 بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ،
قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ.
10 ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛
ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن.
11 كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ،
مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى.
12 بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛
ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ.
13 ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛
مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن.
14 «چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»،
قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن!
15 ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟
شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟
16 ئۈمىدىم تەھتىسارانىڭ تۆمۈر پەنجىرىلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ!
بىز بىرلىكتە توپىغا كىرىپ كېتىمىز!