19
ئايۇپ يەنە سۆز قىلىدۇ: ــ «مەن خۇدانى كۆرىمەن!»
1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «سىلەر قاچانغىچە جېنىمنى ئازابلىماقچىسىلەر،
قاچانغىچە مېنى سۆز بىلەن ئەزمەكچىسىلەر؟
3 سىلەر مېنى ئون قېتىم خارلىدىڭلار؛
ماڭا ئۇۋال قىلىشقا نومۇس قىلمايسىلەر.
4 ئەگەر مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولسا،
مەن ئەمدى ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمەن.
5 ئەگەر سىلەر مېنىڭدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولساڭلار،
يۈزۈم ئالدىدا شەرم-ھايانى كۆرسىتىپ مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار،
6 ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئۇۋال قىلغان تەڭرى ئىكەن،
ئۇ تورى بىلەن مېنى چىرماشتۇرۇپ تارتتى؛
7 قارا، مەن نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ «زوراۋانلىق!» دەپ ۋارقىرايمەن،
بىراق ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛
مەن ۋارقىرايمەن، بىراق ماڭا ئادالەت كەلمەيدۇ.
8 ئۇ يولۇمنى مېنى ئۆتۈۋالمىسۇن دەپ چىت بىلەن توسۇپ قويدى،
قەدەملىرىمگە قاراڭغۇلۇق سالدى.
9 ئۇ مەندىن شان-شەرىپىمنى مەھرۇم قىلدى،
بېشىمدىن تاجنى تارتىۋالدى.
10 ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەن تۈگەشتىم؛
ئۈمىدىمنى ئۇ دەرەخنى يۇلغاندەك يۇلۇۋالدى.
11 غەزىپىنى ماڭا قارىتىپ قوزغىدى،
مېنى ئۆز دۈشمەنلىرىدىن ھېسابلىدى.
12 ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سەپ تۈزۈپ ئاتلاندى،
پەلەمپەيلىرىنى ياساپ ماڭا ھۇجۇم قىلدى،
ئۇلار چېدىرىمنى قورشاۋغا ئېلىپ بارگاھ تىكىۋالدى.
13 ئۇ قېرىنداشلىرىمنى مەندىن نېرى قىلدى،
تونۇشلىرىمنىڭ مېھرىنى مەندىن ئۈزدى.
14 تۇغقانلىرىم مەندىن ياتلىشىپ كەتتى،
دوست-بۇرادەرلىرىم مېنى ئۇنۇتتى.
15 ئۆيۈمدە تۇرغان مۇساپىرلار، ھەتتا دېدەكلىرىممۇ مېنى يات ئادەم دەپ ھېسابلايدۇ؛
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن مۇساپىر بولۇپ قالدىم.
16 مەن چاكىرىمنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرمەيدۇ؛
شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئاغزىم بىلەن يېلىنىشىم كېرەك.
17 تىنىقىمدىن ئايالىمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ،
ئاكا-ئۇكىلىرىم سېسىقلىقىمدىن بىزار.
18 ھەتتا كىچىك بالىلار مېنى كەمسىتىدۇ؛
ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام، ئۇلار مېنى ھاقارەتلەيدۇ.
19 مېنىڭ سىرداش دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مەندىن نەپرەتلىنىدۇ،
مەن سۆيگەنلەر مەندىن يۈز ئۆرىدى.
20 ئەت-تېرىلىرىم ئۇستىخانلىرىمغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ،
جېنىم قىل ئۈستىدە قالدى.
21 ئاھ، دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن!
چۈنكى تەڭرىنىڭ قولى ماڭا كېلىپ تەگدى.
22 سىلەر نېمىشقا تەڭرىدەك ماڭا زىيانكەشلىك قىلىسىلەر؟
سىلەر نېمىشقا ئەتلىرىمگە شۇنچە تويمايسىلەر!
قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق بېشارەت
23 ئاھ، مېنىڭ سۆزلىرىم يېزىلسىدى!
ئۇلار بىر يازمىغا پۈتۈكلۈك بولغان بولاتتى!
24 ئۇلار تۆمۈر قەلەم بىلەن قوغۇشۇن ئىچىگە يېزىلسىدى!
ئەبەدىلئەبەد تاش ئۈستىگە ئويۇپ پۈتۈلگەن بولاتتى!
25 بىراق مەن شۇنى بىلىمەنكى، ئۆزۈمنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىم ھاياتتۇر،
ئۇ ئاخىرەت كۈنىدە يەر يۈزىدە تۇرۇپ تۇرىدۇ!
26 ھەم مېنىڭ بۇ تېرە-ئەتلىرىم بۇزۇلغاندىن كېيىن،
مەن يەنىلا تېنىمدە تۇرۇپ تەڭرىنى كۆرىمەن!
27 ئۇنى ئۆزۈملا ئەينى ھالدا كۆرىمەن،
باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قارايمەن؛
ئاھ، قەلبىم بۇنىڭغا شۇنچە ئىنتىزاردۇر!
28 ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر،
ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار،
29 ئەمدى ئۆزۈڭلار قىلىچتىن قورققىنىڭلار تۈزۈك!
چۈنكى خۇدانىڭ غەزىپى قىلىچ جازاسىنى ئېلىپ كېلىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانىڭ سوتىنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى بىلىسىلەر».