23
ئايۇپ جاۋاب بېرىدۇ ــ ئىشەنچ-ئېتىقادنىڭ گۇمان بىلەن بولغان كۈرىشى
1 ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2 «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر؛
ئۇنىڭ مېنى باسقان قولى ئاھ-زارلىرىمدىنمۇ ئېغىردۇر! ◼
3 ئاھ، ئۇنى نەدىن تاپالايدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسامئىدى،
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا بارار ئىدىم!
4 شۇندا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەۋايىمنى بايان قىلاتتىم،
ئاغزىمنى مۇنازىرىلەر بىلەن تولدۇراتتىم،
5 مەن ئۇنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغان جاۋابىنى بىلەلەيتتىم،
ئۇنىڭ ماڭا نېمىنى دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم.
6 ئۇ ماڭا قارشى تۇرۇپ زور كۈچى بىلەن مېنىڭ بىلەن تالىشامتى؟
ياق! ئۇ چوقۇم ماڭا قۇلاق سالاتتى.
7 ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەققانىي بىر ئادەم ئۇنىڭ بىلەن دەۋالىشالايتتى؛
شۇنداق بولسا، مەن ئۆز سوتچىم ئالدىدا مەڭگۈگىچە ئاقلانغان بولاتتىم.
8 ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛
كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن. ◼
9 ئۇ سول تەرەپتە ئىش قىلىۋاتقاندا، مەن ئۇنى بايقىيالمايمەن؛
ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن؛ ◼
10 بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ؛
ئۇ مېنى تاۋلىغاندىن كېيىن، ئالتۇندەك ساپ بولىمەن. ◼
11 مېنىڭ پۇتلىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرىگە چىڭ ئەگەشكەن؛
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچ چەتنىمىدىم. ◘
12 مەن يەنە ئۇنىڭ لەۋلىرىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتمىدىم؛
مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ قەدىرلەپ كەلدىم. ◼
13 بىراق ئۇنىڭ بولسا بىرلا مۇددىئاسى باردۇر، كىممۇ ئۇنى يولىدىن بۇرۇيالىسۇن؟
ئۇ كۆڭلىدە نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولسا، شۇنى قىلىدۇ. ◘
14 چۈنكى ئۇ ماڭا نېمىنى ئىرادە قىلغان بولسا، شۇنى بەرھەق ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؛
مانا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇندۇر.
15 شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشىمەن؛
بۇلارنى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن. ◼
16 چۈنكى تەڭرى كۆڭلۈمنى ئاجىز قىلغان،
ھەممىگە قادىر مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ.
17 ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم،
ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم. ◼
 
 
◼ 23:2 «بۈگۈنمۇ شىكايىتىم ئاچچىقتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈگۈن» دېگەن سۆز ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن بولغان مۇنازىرىلىرىنىڭ بىرنەچچە كۈن داۋاملاشقانلىقىغا ئىسپات بولىدۇ. ئېلىفاز 22-باب، 29-ئايەتتە «خۇدا چىرايى سۇنغانلارنى قۇتقۇزىدۇ» دېگەنىدى. ئايۇپ يەنە بۇ يەردە ئېلىفاز ئېيتقان «شىكايەت (ئەرز)» دېگەن سۆزىنى قەستەن ئىشلىتىپ ئۆزىنى «چىرايى سۇنغانلاردىن» ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ◼ 23:8 «ئەپسۇس، مەن ئالغا قاراپ ماڭساممۇ، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ كەينىمگە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق مەن شەرققە ماڭىمەن، لېكىن ئۇ ئۇ يەردە يوق؛ غەربكە يانساممۇ، ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن». ◼ 23:9 «ئۇ سول تەرەپتە ... ئۇ ئوڭ تەرەپتە يوشۇرۇنغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن» ــ ئايۇپ ئۆز ئەھۋالىدىن خۇدانىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھېچقانداق ئىسپات كۆرەلمەيدۇ ۋە خۇدانىڭ ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن نېمىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ. ◼ 23:10 «بىراق ئۇ مېنىڭ ماڭىدىغان يولۇمنى بىلىپ تۇرىدۇ» ــ بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ (خۇدا) ئۆزىنىڭ ماڭا بولغان يولىنى بىلىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئايۇپنىڭ بۇنداق دېگىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ پارلاق بايانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىز يەنىلا ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ◘ 23:11 ئايۇپ 31‏:4-8 ◼ 23:12 «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز كۆڭۈلدىكىلىرىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...» ــ ياكى «ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزلەرنى ئۆز نەپسىمدىن قىممەتلىك بىلىپ...». ◘ 23:13 زەب. 33‏:9؛ 115‏:3؛ 135‏:6 ◼ 23:15 «بۇلارنى ، يەنى 14-ئايەتتىكى «مۇشۇ خىلدىكى ئىشلار»نى ئويلىساملا، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن» ــ ئايۇپ ئەمدى نېمىشقا خۇدا ئالدىدا بىئارام بولۇپ، ئۆز ئىشلىرىنى ئويلىسا قورقۇپ كېتىدۇ؟ 14-ئايەتتە ئۇ خۇدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئىشلار (يەنى ئۇنىڭ ھازىر تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر) توغرىسىدا سۆز قىلغاندىن كېيىن، ئۇ: «ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مۇشۇنداق ئىشلار باردۇر» دەيدۇ ــ دېمەك، ئۇ: «مېنىڭ ھازىرغىچە تارتقان ئازابلىرىمدىن يەنە نۇرغۇن «مۇشۇنداق ئىشلار» ئالدىمدا بارمىكىن؟» دەپ ئىنتايىن قىينىلىدۇ. ◼ 23:17 «ھالبۇكى، مەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇلمىدىم، ۋە ياكى يۈزۈمنى ئورىۋالغان زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققىمۇ ھېچ سۈكۈت قىلمىدىم» ــ بۇ ئايەتنىڭ ئەسلى تەكىستىنى چۈشىنىش سەل تەس. يەنە بىر خىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مەن قاراڭغۇلۇق چۈشكەندە جاندىن ئۈزۈلمىگىنىم بىلەن، ئۇ مېنىڭ يۈزۈمنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇقتىن قوغداپ قۇتقۇزمىغان».