يەھۇدا
1
«روسۇل يەھۇدا يازغان ئۈچىنچى مەكتۇپ»
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا، يەنى خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام. سىلەرگە رەھىمدىللىك، ئامانلىق-خاتىرجەملىك ۋە مېھىر-مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!
 
ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھېزى بولۇڭلار!
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقان نىجاتىمىز توغرىسىدا خەت يېزىشقا زور ئىشتىياقىم بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى. چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر.

  
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە شۇنى ئېسىڭلارغا قايتىدىن سېلىشنى خالايمەنكى (گەرچە سىلەر بۇرۇن ھەممە ئىشلاردىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولساڭلارمۇ)، بۇرۇن رەب ئۆزى ئۈچۈن بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى.
  
ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا. سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، كېيىنكى دەۋرلەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن.
  
لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا.

لېكىن ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا ئىبلىس بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى تەنبىھ بەرسۇن» دەپلا قويغان. 10 لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.    11 بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا ئوخشاش ئاخىر ھالاك بولىدۇ.

  
12 ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!.


  
13 ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا؛ ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر.    14 ئادەمئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانوخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق بېشارەت بەرگەن: ــ
 
«مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ،    15 ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ».
  
16 بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.  
 
ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش
17 لېكىن، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، 18 ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى.    19 مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر.
20 لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، 21 ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار. 22 ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ 23 بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار .

 
مەدھىيە دۇئاسى
24-25 ئەمما سىلەرنى يولدا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ھۇزۇرىدا ئەيىبسىز تۇرغۇزۇشقا قادىر بولغۇچىغا، يەنى قۇتقۇزغۇچىمىز بىردىنبىر خۇداغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ، ھەيۋەت-ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق ئەزەلدىن بۇرۇن، ھازىرمۇ تا بارلىق زامانلارغىچە بولغاي! ئامىن!
1:1 «ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن چاقىرىلغانلارغا ... سالام» ــ «چاقىرىلغانلار» بولسا خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان. «ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام» ــ ياكى «(خۇدا تەرىپىدىن) ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قوغدىلىپ كەلگەنلەرگە سالام» ــ تېكىست شۇ مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1:3 «...لېكىن ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقادنى قولۇڭلاردىن بەرمەسلىككە جىددىي كۈرەش قىلىشقا جېكىلەپ ئۇشبۇ خەتنى يازمىسام بولمىدى» ــ «مۇقەددەس بەندىلەرگە بىر يولىلا ئامانەت قىلىنغان ئېتىقاد» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە بىزگە ئىنجىل ئارقىلىق خۇدا، مەسىھ، مۇقەددەس روھ، نىجات، خۇدانىڭ سۆز-كالامى (تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل)، بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا، ئىنسانىيەت، پەرىشتىلەر ۋە جىن-شەيتان قاتارلىقلار توغرۇلۇق نازىل قىلىپ تاپشۇرۇلغان، شۇنداقلا ئىشىنىشكە زۆرۈر بولغان ۋەھىي-ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. 1:4 «چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇشۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان» ــ «خېلى بۇرۇنلا ... سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەن»: ــ بەلكىم مۇقەددەس يازمىلاردا پۈتۈلگەن بولسا كېرەك. «مۇنۇ سوراق» ــ يەھۇدا تۆۋەندە 5-15-ئايەتلەردە بايان قىلىدىغان جازا-سوراقلار بولسا كېرەك. «ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر» ــ «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان...»: ــ دېمەك، «بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز» دېگەندەك. 1:4 1پېت. 2‏:8؛ 2پېت. 2‏:1، 3. 1:5 «بۇرۇن رەب ئۆزى ئۈچۈن بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى» ــ «كېيىن» گرېك تىلىدا «ئىككىنچى قېتىم» دېيىلىدۇ. «رەب ئۆزى ئۈچۈن بىر خەلقنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ» بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئەيسا ئۆز خەلقىنى مىسىردىن قۇتقۇزغان بولسىمۇ» دېيىلىدۇ. 1:5 چۆل. 14‏:29؛ 26‏:64، 65؛ زەب. 106‏:24-27؛ 1كور. 10‏:5؛ ئىبر. 3‏:17. 1:6 يار.6‏:1-4؛ 2پېت. 2‏:4. 1:7 «سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، كېيىنكى دەۋرلەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن» ــ «غەيرىي شەھۋەتلەر» دېگەن ئىبارە گرېك تىلىدا «غەيرىي ئەتلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەر «غەيرىي ئەتلەر»گە (دېمەك، قىز-ئاياللارغا) ئىچ پەش تارتقانىدى؛ سودوم ۋە گوموررادىكىلەر «غەيرىي ئەتلەر»گە ئىچ پەش تارتقان (بۇ قېتىم ئەرلەر قىز-ئاياللارغا ئەمەس، بەلكى ئەرلەر باشقا ئەرلەر بىلەن «غەيرىي» جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى). «سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرى»نىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا «يار.» 18-19بابنى كۆرۈڭ. بىز «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە مۇشۇ ۋەقە ئۈستىدە يەنە ئازراق توختىلىمىز. 1:7 يار. 19‏:24؛ قان. 29‏:22؛ يەش. 13‏:19؛ يەر. 50‏:40؛ ئ‍ەز. 16‏:49؛ ھوش. 11‏:8؛ ئام. 4‏:11؛ لۇقا 17‏:29؛ 2پېت. 2‏:6. 1:8 «لېكىن مۇشۇ «چۈش كۆرگۈچىلەر» شۇ ئوخشاش يول بىلەن ئادەملەرنىڭ تەنلىرىنىمۇ بۇلغىماقتا، ئۇلار ھوقۇق ئىگىلىرىگە سەل قارىغۇچىلاردىن بولۇپ، (ئەرشتىكى) ئۇلۇغلارغىمۇ ھاقارەت قىلىشماقتا» ــ «چۈش كۆرگۈچىلەر» بەلكىم «بېشارەتلىك بىرنەچچە چۈشنى كۆردۈم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئادەملەرنى ئالدايدۇ. «ھوقۇق ئىگىلىرى» ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە پادىشاھلار، ۋالىيلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك ئەمەلدارلىرىدىن باشقا، خۇدا بېكىتكەن ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار» ــ ئەينى تېكىستتە «ئەرش» دېگەن سۆز يوق. لېكىن 11-ئايەتكە قارىغاندا چوقۇم ئەرشتىكى (يامان) كۈچلەر، يەنى جىن-شەيتانلارنى كۆرسەتسە كېرەك. «جىن-شەيتانلار» ئەسلىدە پەرىشتىلەر، يەنى «ئەرشتىكى ئۇلۇغلار»دىن ئىدى («ۋەھ.» 4:12نى كۆرۈڭ). 1:9 دان. 10‏:13؛ 12‏:1؛ زەك. 3‏:2؛ 2پېت. 2‏:11؛ ۋەھ. 12‏:7. 1:10 «لېكىن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئۇلار ھەتتا ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ» ــ «ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسلىرى بويىچە چۈشەنگىنىچە ياشاپ» دېگەن ئىبارە بەلكىم ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشكە بولغان ئىشتىھاسىنى كۆزدە تۇتقان، شۇنداقلا مۇشۇ كىشىلەرنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى، بۇزۇقلۇقلىرىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 1:10 2پېت. 2‏:12. 1:11 «بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى، مال-مۈلۈكنى دەپ بالائامنىڭ ئازغان يولىغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىغا (ئوخشاش) ئاخىر ھالاك بولىدۇ» ــ «قابىلنىڭ يولى» ــ قابىل ئۆز ئىنىسىغا ھەسەت قىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن، ئەلۋەتتە («يار.» 4-باب). «بالائامنىڭ ئازغان يولى» ــ «چۆل.» 22-24-بابنى، «2پېت.» 15:2نى ۋە ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. «ئۇلار كوراھنىڭ ئاسىيلىق قىلغىنىدىكىگە ئوخشاش ئاخىر ھالاك بولىدۇ» ــ كوراھ بولسا مۇسا پەيغەمبەرگە، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆزىگە ئىسيان كۆتۈردى. يەر ئۆزى ئېچىلىپ كوراھ ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى يۇتۇۋالدى ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ كوراھ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى («چۆل.» 16-باب). كوراھدىكىلەردىن 1500 يىلدىن كېيىن ياشىغان مۇشۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر خۇدانىڭ غەزىپى ئايان قىلىنغان كۈنى ئۇلارغا ئوخشاش جەزمەن ئەشەددىي ۋە قورقۇنچلۇق ھالدا يوقىتىلىدۇ. 1:11 يار. 4‏:8؛ چۆل. 16‏:1؛ 22‏:21،7؛ 2پېت. 2‏:15؛1يۇھ. 3‏:12. 1:12 «ئۇلار مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلارغا ھېچ تارتىنماي سىلەر بىلەن بىللە داخىل بولىدىغان، ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر. ئۇلار شاماللاردىن ھەيدىلىپ كەلگەن يامغۇرسىز بۇلۇت، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، كەچ كۈزدىكى مېۋىسىز دەرەخلەر، ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!» ــ «مېھىر-مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپەتلىرىڭلار» دېگەنلىك خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تەبرىكلەش، ئەلۋەتتە. شۈبھىسىزكى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەسىرلەردە جامائەتلەر پات-پات مەلۇم بىر خۇشاللىقتىن غېرىپ-نامراتلارنى تەكلىپ قىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزەتتى؛ ئۇنداق زىياپەتلەر «مېھىر-مۇھەببەت زىياپىتى» ياكى «مۇھەببەتنى تەبرىكلەش زىياپىتى» دەپ ئاتىلاتتى. شۇ زىياپەتلەر بەلكىم دائىم «نان ئوشتۇش»، (ياكى «رەبنىڭ داستىخانى»، «رەبنىڭ كەچلىك تامىقى»)نى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. «ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر» ــ «ئۆزلىرىنىلا باقىدىغان» بۇ كىنايىلىك گەپ. مۇشۇ كىشىلەر «خۇدا بىزنى جامائەتتىكىلەرنى باققۇچى قىلىپ بېكىتكەن» دەيتتى. لېكىن ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا باقاتتى. «خەتەرلىك خادا تاشلاردۇر» ــ باشقا خىل تەرجىمىسى «داغلارغا ئوخشايدۇ» ــ مۇشۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى بەلكىم «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ كۆرسەتكىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە دېڭىزدىكى «خەتەرلىك خادا تاشلارغا ئوخشايدۇ». دېڭىزچىلار دېڭىز ئاستىدىكى خادا تاشلارنى بايقىيالماي، كېمىنى ئۈستىدىن ھەيدىسە پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ تۈگىشىدۇ، ئەلۋەتتە. ««خەتەرلىك خادا تاشلار» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاھاڭى «داغ»قىمۇ ناھايىتى يېقىن بولغاچ، بەلكىم شۇ مەنىنىمۇ كۆرسىتىشى مۇمكىن. «2پېت.» 13:2نى كۆرۈڭ. «يامغۇرسىز بۇلۇت» ــ گرېك تىلىدا «سۇسىز بۇلۇت». «ئىككى قېتىم ئۆلگەنلەر!» ــ بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىدا روھىي جەھەتتە «ئۆلگەن» («قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن» («ئەفەسلۇقلارغا» 1:2)) بولۇپلا قالماي، باشقىلارنىمۇ ئۆلۈم يولىغا ئالداپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈنمۇ روھىي جەھەتتە «ئىككى قېتىم ئۆلگەن»دۇر. ئۇلار شۇ سەۋەبتىن خۇدا تەرىپىدىن ئىككى ھەسسە جازالىنىدۇ («ياق.» 1:3، «مات.» 13:23-15نى كۆرۈڭ). 1:12 2پېت. 2‏:17،13. 1:13 «ئۇلار دېڭىزنىڭ داۋالغۇۋاتقان، بۇژغۇنلۇق دولقۇنلىرى، ئۇلار ئۆز شەرمەندىچىلىكىنى قۇسماقتا» ــ «يەش.» 20:57نى كۆرۈڭ. «...ئۇلار ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك قاپقاراڭغۇلۇقنىڭ زۇلمىتى ھازىرلاپ قويۇلغاندۇر» ــ «ئۇلار... ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار» دېگەنلەر پەقەت «خەتەرلىك خادا تاشلار»لا ئەمەس، بەلكى دېڭىزدا يۈرگۈچىلەرگە خاتا يۆنۈلۈشنى كۆرسىتىپ تېنىتىدىغان «ئېزىپ كەتكەن يۇلتۇزلار»دەك بولىدۇ. 1:13 يەش. 57‏:20. 1:14 «مانا، رەب تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەسلىرى بىلەن كېلىدۇ،...» ــ «(رەبنىڭ) مۇقەددەسلىرى» مۇشۇ يەردە رەب ئەيسانىڭ قايتىپ كېلىشىدە ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان پەرىشتىلىرى ھەم مۇقەددەس بەندىلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («قان.» 2:33، «زەب.» 3:50-6، «دان.» 9:7-14، 25-26، «مات.» 27:16، 30:24-31، 13:25، «1كور.» 2:6، «1تېس.» 3:3، «2تېس.» 7:1-10، «ۋەھ.» 7:1نى كۆرۈڭ). 1:14 يار. 5‏:18؛ دان. 7‏:10؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 1‏:10؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 1:15 «ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، بارلىق ئىخلاسسىزلارنىڭ ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن بارلىق ئىخلاسسىزلىقلىرىغا ئاساسەن، شۇنداقلا ئىخلاسسىز گۇناھكارلارنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن بارلىق ئەسەبىي سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ» ــ «ئىخلاسسىزلارچە يۈرگۈزگەن ئىخلاسسىزلىقلىرى» دېگەن ئىبارە «ئۇچىغا چىققان ئىخلاسسىزلىقلىرى» دېگەندەك گۇناھلىرىنى تەكىتلەيدۇ. «ئۇلارنى ئەيىبكە بۇيرۇيدۇ» ــ دېگەن سۆز، شۈبھىسىزكى، ھەربىر گۇناھكارنىڭ خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمگە تولۇق قوشىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەۋرات ئۆز ئىچىگە ئالمىغان «ھانوخ» دېگەن يەنە كونا بىر كىتاب بار. بىراق يەھۇدا نەقىل كەلتۈرگەن مۇشۇ سۆز بۇ كىتابتىن بىۋاسىتە ئېلىنغان ئەمەس. بۇ سۆز بەلكىم «ھانوخ» دېگەن كىتابنىڭ قەدىمىي مەنبەسى بولغان، خەلقنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىدىن ئېلىنغان بولسا كېرەك. 1:15 مات. 12‏:36. 1:16 «بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ، ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ؛ ئاغزىدا يوغانچىلىق قىلىدۇ، ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەپ باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ» ــ «بۇ كىشىلەر ... غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ»: ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا قاقشاپ ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. «ئاغرىنىپ يۈرىدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ» ياكى «قۇسۇر ئىزدەپ يۈرىدۇ». 1:16 2پېت. 2‏:18. 1:18 «ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، ئۆزىنىڭ ئىخلاسسىز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، مازاق قىلغۇچىلار مەيدانغا چىقىدۇ» دېگەنىدى» ــ روسۇل يەھۇدا مۇشۇ يەردە ئۇلارنىڭ نېمىنى مازاق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمايدۇ. لېكىن بىر مىسال «2پېت.» 3:3دە تېپىلىدۇ. 1:18 روس. 20‏:29؛ 1تىم. 4‏:1؛ 2تىم. 3‏:1؛ 4‏:3؛ 2پېت. 2‏:1؛ 3‏:3. 1:19 «مۇشۇنداق كىشىلەر بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن، روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر» ــ «ئۆز تەبىئىتىگە ئەگەشكەن (ئادەملەر)» گرېك تىلىدا «جانلىق (ئادەملەر)» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، مۇقەددەس كىتاب بويىچە ئادەم ئۈچ قىسىمدىن ــ روھ، جان، تەندىن تەركىب تاپىدۇ. خۇدانىڭ ئەسلى مەقسىتى ئادەمنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ يوليورۇق كۆرسىتىش ئىدى. ئادەمئاتىمىزنىڭ گۇناھى بىلەن ئادەملەر ئۆز روھى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى جان ۋە تەن، يەنى «ئەت» تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ (گۇناھلىق) تەبىئىتىگە ئەگەشكىلى تۇردى. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «روھقا ئىگە بولمىغان ئادەملەردۇر» ــ «روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى، ئەلۋەتتە. 1:20 «لېكىن سىلەر، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنى ئۇل قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇرۇپ چىقىڭلار، مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ،..» ــ «ئۆزۈڭلارنى... قۇرۇپ چىقىڭلار» دېگەن ئىبارە مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدىكى «(ئېتىقادتا) ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار» دېگەن مەنىدە. «رىملىقلارغا» ۋە «ئەفەسلۇقلارغا»دىكى «ئېتىقادنى قۇرۇش» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. «مۇقەددەس روھتا دۇئا قىلىپ، ...» ــ دېمەك، «مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىپ،...». 1:22 «ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار» ــ «ئىككىلىنىپ قالغانلار» بولسا ئېتىقادتا ئىككىلەنگەنلەر. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار، (ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى) پەرق ئېتىڭلار؛ بەزىلەرنى... بەزىلەرنى... ». 1:23 «بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار» ــ دېمەك، بۇ ئىككى ئايەت (22-23)تە ئۈچ خىل ئادەملەر بار. بىرىنچى خىلى ئېتىقادقا نىسبەتەن گۇماندا تۇرىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى بولسا گۇناھقا شۇنچە چۆكۈپ كەتكەنكى، ئۇلار دوزاخنىڭ گىرداۋىدا تۇرغانلار ياكى «دوزاخ ئوتىغا چۈشەي» دەپ قالغانلار؛ ئۈچىنچى خىلى بولسا، ئادەمنى ئاسانلا ئىپلاسلىققا سۆرەيدىغان ئېغىر گۇناھلارغا پاتقانلار. شۇڭا ئۇلارنى قۇتقۇزماقچى بولغانلار ئىنتايىن ھوشيار بولۇشى كېرەك ــ بولمىسا ئۆزلىرى بۇلغىنىپ ياكى ئازدۇرۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن («ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجىس (گرېك تىلىدا، «داغ») چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگە نەپرەتلەنگەن ھالدا» دېگەن گەپ كۆچمە مەنىدە، ئەلۋەتتە. «بۇ كىشىلەرنىڭ پاسىقلىقى ئۆزۈڭگە تەسىر يەتكۈزمىسۇن ئۈچۈن ھوشيار بول» دېگەندەك). بۇ ئىككى ئايەتنىڭ باشقا بەزى تەرجىمىلىرى بار. بۇ تەرجىمىلەردە «قۇتقۇزۇشقا تىرىشىش كېرەك» بولغان ئىككى خىل ئادەملەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ: ــ «ئىككىلىنىپ قالغانلارغا رەھىم قىلىڭلار؛ بىراق بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى قۇتقۇزغاندا قورقۇنچتا بولۇڭلار، ھەتتا ئەتلەردىن نىجىس چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگە نەپرەتلىنىڭلار» دېگەندەك. 1:24-25 رىم. 16‏:27؛ 1تىم. 1‏:17.