3
پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ
چۈنكى مانا، شۇ كۈنلەردە، شۇ پەيتتە،
مەن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگىنىمدە،
مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ،
ئۇلارنى «يەھوشافات جىلغىسى»غا چۈشۈرىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن،
زېمىنىمنى بۆلۈپ پارچىلىۋەتكەنلىكىدىن،
ئۇلارنى ئاشۇ يەردە مېنىڭ مىراسىم، يەنى خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى دوغا تىكىپ چەك تاشلىغان؛
بىر يىگىتنى بىر پاھىشە ئايالغا ئالماشتۇرغان،
بىر قىزنى «شاراب ئىچىمىز» دەپ شاراب ئۈچۈن ئالماشتۇرغان.
ھەي، تۇر ھەم زىدون، فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، مەن سىلەرنى نېمە قىلىپتىمەن؟
سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇسىلەر؟
(بىراق مەندىن ئۆچ ئالىمىز دېسەڭلار، ئۆچنى تېزلا ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىمەن!)
كۈمۈشلىرىم، ئالتۇنلىرىمنى بۇلىۋالغىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
گۈزەل گۆھەرلىرىمنى ئۆز بۇتخانىلىرىڭلارغا ئاپارغىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
يەھۇدا بالىلىرى ھەم يېرۇسالېمنىڭ بالىلىرىنى ئۆز چېگراسىدىن يىراق قىلماق ئۈچۈن ئۇلارنى گرېكلارغا سېتىۋېتكىنىڭلار تۈپەيلىدىن،
مانا، مەن ئۇلارنى سىلەر سېتىۋەتكەن جايدا ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن،
ھەمدە قىلغىنىڭلارنى ئۆز بېشىڭلارغا قايتۇرىمەن.
ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدا بالىلىرىنىڭ قولىغا سېتىۋېتىمەن،
ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
 
پەرۋەردىگار «يەھوشافات جىلغىسى»دا بارلىق ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمىنى چىقىرىدۇ
شۇنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاڭلاركى،
«جەڭگە تەييارلىنىڭلار،
پالۋانلارنى قوزغاڭلار،
جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنلاشسۇن،
جەڭگە ھازىر بولسۇن؛
10 ساپان چىشلىرىنى قىلىچ قىلىپ،
ئورغاقلىرىڭلارنى نەيزە قىلىپ سوقۇشۇڭلار؛
ئاجىز ئادەممۇ: «مەن كۈچلۈك» دېسۇن؛
11 ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار،
ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!».
«ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!»
 
12 «ئەللەر قوزغىلىپ «يەھوسافات جىلغىسى»غا كەلسۇن؛
چۈنكى مەن شۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرنى سوراققا تارتىمەن.
13 ئورغاقنى سېلىڭلار،
چۈنكى زىرائەت پىشتى؛
كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار،
چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر،
ئىدىش-كۈپلەر تولۇپ تاشىدۇ.
چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»  
14 ئاھ، نۇرغۇن، نۇرغۇن كىشىلەر «قارار جىلغىسى»دا!
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى «قارار جىلغىسى»غا يېقىنلاشتى.
15 قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ،
يۇلتۇزلار ئۆز جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
16 پەرۋەردىگار زىئوندىن ھۆركىرەيدۇ،
يېرۇسالېمدىن ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛
ئاسمانلار، زېمىنلار سىلكىنىدۇ؛
لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە باشپاناھ،
ئىسرائىل بالىلىرىغا كۈچ-ھىمايە بولىدۇ.
 
پەرۋەردىگار زىئوننى ئۆز ماكانى قىلىدۇ
17 شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى،
ئۆز مۇقەددەس تېغىم زىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر؛
يېرۇسالېم پاك-مۇقەددەس بولىدۇ،
ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ.  
18 ھەم شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى،
تاغلار يېڭى شارابنى تېمىتىدۇ،
دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن سۈت ئاقىدۇ،
يەھۇدادىكى بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلەردە لىق سۇ ئاقىدۇ؛
پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن بىر بۇلاق چىقىدۇ،
شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ.  
19 مىسىر بولسا بىر چۆللۈك،
ئېدوم ئادەمزاتسىز بىر چۆل-باياۋان بولىدۇ،
ئۇلارنىڭ يەھۇدا بالىلىرىغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقى تۈپەيلىدىن،
ئۇلار بۇلارنىڭ زېمىنىدا بىگۇناھ قانلارنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن.
20 بىراق يەھۇدا مەڭگۈگە تۇرىدۇ،
يېرۇسالېم دەۋردىن-دەۋرگىچە قالىدۇ؛
21 ھەم مەن ئۇلارنى تۆككەن قانلارنىڭ پاكلاندۇرۇلمىغان گۇناھلىرىدىن پاكلاندۇرىمەن؛
چۈنكى پەرۋەردىگار زىئوندا ماكانلاشقاندۇر.
3:2 «مەن بارلىق ئەللەرنىمۇ يىغىپ،... شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خەلقىمنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكەنلىكىدىن، ... ئۇلارنى... خەلقىم ئىسرائىل تۈپەيلىدىن سوراققا تارتىمەن» ــ «ئەللەر» بولسا يات ئەللەر، يەھۇدىي ئەمەسلەر. «يەھوشافات جىلغىسى» ــ «يەھوشافات» ــ «ياھ» (پەرۋەردىگار) سوتلايدۇ» دېگەن مەنىدە. ئۇ بەلكىم يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى «كىدرون جىلغىسى»نى كۆرسىتىدۇ (يېرۇسالېم ھەم «زەيتۇن تېغى» ئارىسىدا). 3:4 «ھەي، تۇر ھەم زىدون،...» ــ «تۇر» بولسا لىۋاندىكى ئەڭ چوڭ پورت ھەم قۇدرەتلىك شەھەر، زىدون ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايون. 3:8 «ئۇلار شۇلارنى يىراقتىكى بىر ئەلگە، يەنى شابىيالىقلارغا سېتىۋېتىدۇ» ــ «شابىيالىقلار» «شېبا» دېگەن رايوندىكىلەر بولۇشى مۇمكىن. 3:11 «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!» ــ بۇ سۆزلەر 1:2-11دىكى ۋە «يەش.» 3:13-5دىكى سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. «يەش.» 3:13-5دىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ. 3:13 «ئورغاقنى سېلىڭلار، چۈنكى زىرائەت پىشتى؛ كېلىڭلار، چۈشۈپ چەيلەڭلار، چۈنكى شاراب كۆلچەكلىرى لىق تۇشۇقتۇر... چۈنكى ئۇلارنىڭ رەزىللىكى زوردۇر»» ــ مۇشۇ بۇيرۇق بەلكىم خۇدانىڭ «كۈچلۈكلىرى»، يەنى پەرىشتىلەرگە ئېيتىلىدۇ («ۋەھ» 17:14-20نى كۆرۈڭ). 3:13 ۋەھ. 14‏:15 3:15 يو. 2‏:10؛ 3‏:4 ،15؛ يەش. 13‏:10؛ 24‏:23؛ ئام .8‏:9؛ مات .24‏:29؛ روس .2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13 3:17 «ئۇنىڭدىن ھېچ يات ئادەملەر يەنە ئۆتمەيدۇ» ــ دېگەن سۆز بەلكىم: (1) ھېچ تاجاۋۇزچى يەنە يېرۇسالېمنى بۇزمايدۇ، ۋە (2) يېرۇسالېمنى بۇلغغۇدەك ھېچقانداق بۇتپەرەس ئادەم ئۇنىڭدىن يەنە ئۆتمەيدۇ، دېگەن ئىككى مەنىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 3:17 ۋەھ. 21‏:27 3:18 «...شىتتىم جىلغىسىنى سۇغىرىدۇ» ــ «شىتتىم جىلغىسى» يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدا بولۇپ، سۇلىرى ئىئوردان جىلغىسىغا چۈشىدۇ. 3:18 ئام. 9‏:13