16
كېلىدىغان زىيانكەشلىكلەر
سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.   ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر.  
 
مۇقەددەس روھنىڭ يېتكەكچى ۋە ئۇستاز بولىدىغانلىقى
ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم.
لېكىن ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسەن؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى. ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ. ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. 10 ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. 11 ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.  
12 سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر. 13 لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ.    14 ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ. 15 ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم.  
 
غەم-قايغۇلىرىڭلار مەڭگۈ خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ
16 ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن».  
17 شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە:
ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ 18 «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ.
19 ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ 20 بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ. 21 ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 22 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. 23 شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. 24 ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!
 
بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش
25 سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن. 26 شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛ 27 چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار.
28 مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن».
29 مۇخلىسلىرى:
ــ مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ! 30 بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى.  
31 ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا:
ــ ھازىر ئىشەندىڭلارمۇ؟ 32 مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر.    33 سىلەرنىڭ مەندە خاتىرجەملىككە ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم. بۇ دۇنيادا تۇرۇپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىسىلەر، ئەمما غەيرەتلىك بولۇڭلار! مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!
 
 
16:2 «ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ» ــ يۇقىرىقى باشقا ئىزاھاتلاردا ئېيتقىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى بىرسىنى «سىناگوگتىن چىقىرىۋەتسە»، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلماي، بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن. 16:2 يـۇھ. 9‏:22، 34؛ 12‏:42. 16:3 يـۇھ. 15‏:21؛ 1كور. 2‏:8. 16:4 «... ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە» ــ دېمەك، يەھۇدىي خەلقىدىن ۋە كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بولغان زىيانكەشلىكلەر كەلگەندە. 16:4 يـۇھ. 13‏:19؛ 14‏:29. 16:7 لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26. 16:9 «ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۇلارنى ئۆز گۇناھى توغرۇلۇق بىلگۈزىدۇ» ياكى «ئۇ ئۇلارنى گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈزىدۇ». دېگەندەك ئۈچ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئومۇمىي مەنىسى ئاساسەن ئوخشاش. 16:11 «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» ــ شەيتان، ئىبلىس. «...ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى» ــ 9-11-ئايەتتىكى «ئۇ (مۇقەددەس روھ)...گۇناھ توغرىسىدا... ھەققانىيلىق توغرىسىدا... ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا...بىلگۈزىدۇ....» دېگەنلەرنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»دە ئازراق توختىلىمىز. 16:11 يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ ئ‍ەف. 2‏:2؛ كول. 2‏:15. 16:12 «سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر» ــ مۇخلىسلار قانداق سۆزلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 16:13 «چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ» ــ «ئۇ (مۇقەددەس روھ)... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ كالامىدىن ئاڭلىغىنى. « مۇقەددەس روھ،... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ» ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 16:13 يـۇھ. 12‏:49؛ 14‏:26 16:15 «مۇقەددەس روھ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 16:15 يـۇھ. 17‏:10. 16:16 «يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە 17-ئايەت ئۇنىڭ ئەسلىدە بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 16:16 يـۇھ. 7‏:33. 16:19 «مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» ــ مەسىھنىڭ مۇشۇ دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى، بىزنىڭچە، ئۇنىڭ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلىپ مۇخلىسلىرىغا ئۆزىنى ئايان قىلىشىدىن ئىبارەت. 16:21 يەش. 26‏:17. 16:23 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. 16:25 «سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن» ــ تەمسىللەردىن بولغان بىرنەچچە مىساللار 10-بابتىن («قويلارنىڭ ئىشىكى» ۋە «ياخشى پادىچى» توغرۇلۇق) 13-بابتىن (ئۇلارغا «پۇت يۇيۇش» توغرۇلۇق تەمسىل ۋە ئۆلگە) 15-بابتىن («ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» توغرۇلۇق) ۋە 21-ئايەتتىن («تۇغۇتتا بولغان ئايال» توغرۇلۇق) تېپىلىدۇ. 16:27 يـۇھ. 17‏:8. 16:28 يـۇھ. 13‏:3. 16:29 «مانا سەن ھازىر ئوچۇق ئېيتىۋاتىسەن، تەمسىل كەلتۈرۈپ سۆزلىمىدىڭ!» ــ مۇخلىسلارنىڭ ھەقىقىي چۈشەنگەن-چۈشەنمىگىنى 31-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. 16:30 «ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق» ــ مەنىسى بەلكىم مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى تېخى سورىماي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغىنىنى ئاللىقاچان بىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ. 16:30 يـۇھ. 21‏:17. 16:32 «ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر» ــ «ئۆز يوللىرىڭلارغا» ياكى «ئۆزۈڭلارنىڭكىگە» (دېمەك، ئۆز ئۆيۈڭلارغا). «ماتتا» 56:26، «مار.» 50:14نى كۆرۈڭ. 16:32 زەك. 13‏:7؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ يـۇھ. 8‏:29؛ 14‏:10. 16:33 يەش. 9‏:5؛ يـۇھ. 14‏:27؛ رىم. 5‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:13؛ كول. 1‏:20.