19
ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى
شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى.   لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قايتا-قايتا كاچات سالدى.
پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا:
ــ مانا! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقتىم، ــ دېدى.
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا:
ــ قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە! ــ دېدى.
باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ:
ــ ئۇنى كرېستلەڭ، كرېستلەڭ! ــ دەپ ۋارقىراشتى.
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ ئۇنى ئېلىپ بېرىپ ئۆزۈڭلار كرېستلەڭلار! چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! ــ دېدى.
يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنىمىزغا ئاساسەن ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىۋالدى.
پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن:
ــ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.
10 شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى.
11  ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى.
12 شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ:
ــ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! ئۆزىنى پادىشاھ دېگەن ھەربىر كىشى قەيسەرگە قارشى چىققان بولىدۇ! ــ دەپ چۇقان سېلىشتى.  
13 پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى 14 (ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا:
مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇر! ــ دېدى.
15 لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى.
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستلىگىن، دەمسىلەر؟ ــ دېدى.
باش كاھىنلار جاۋابەن:
ــ قەيسەردىن باشقا ھېچقانداق پادىشاھىمىز يوقتۇر! ــ دەپ توۋلاشتى.
بۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئۇنى كرېستلەشكە ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
 
ئەيسانىڭ كرېستلىنىشى
مات. 27‏:32-44؛ مار. 15‏:21-32؛ لۇقا 23‏:26-39
16‏-17  لەشكەرلەر ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 18 ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى.
19 پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 20 ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى. 21 شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا:
ــ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ، بەلكى «ئۇ ئۆزىنى مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دېگەن» دەپ يېزىڭ، ــ دېيىشتى.
22 بىراق پىلاتۇس جاۋابەن:
ــ يازىدىغاننى يېزىپ بولدۇم! ــ دېدى.
23 لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. 24 شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە:
ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى.
بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ
 
«ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى،
مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى».
دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.  
25 ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى.    26 ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا:
ــ ئى خانىم، مانا سېنىڭ ئوغلۇڭ! ــ دېدى.
27 ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا:
ــ مانا سېنىڭ ئاناڭ! ــ دېدى.
شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ مۇخلىس ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.
 
ئەيسانىڭ ئۆلۈمى
مات. 27‏:45-56؛ مار. 15‏:33-41؛ لۇقا 23‏:44-49
28 ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن):
ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى.  
29 ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى. 30 ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن:
ــ تامام بولدى! ــ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
 
ئەيسانىڭ بىقىنىغا نەيزە سانجىلىشى
31 ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
32 شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى. 33 لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 34 ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.
35 بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ. 36‏-37 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى.  
 
ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى
مات. 27‏:57-61؛ مار. 15‏:42-47؛ لۇقا 23‏:50-56
38 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. 39 بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلدى.    40 ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. 41 ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. 42 بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئەيسانى شۇ يەرلىككە قويدى.
 
 
19:1 «شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى» ــ مۇشۇ خىل «قامچىلاش» ئادەتتە كرېستلىنىشتىن ئاۋۋالقى جازا ئىدى. جازا ئەسۋابى تۆمۈر ياكى سۆڭەك پارچىلىرى باغلاقلىق نەچچە تانىلىق قامچا ئىدى. بۇ جازانىڭ ئۆزى شۇنچە ئېغىركى، جازالانغۇچى گاھى ۋاقىتلاردا تېخى كرېستلەنمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭدىن ئۆلۈپ كېتەتتى. 19:1 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15. 19:5 «قاراڭلار، ئۇ ئادەمگە!» ــ پىلاتۇس مۇشۇ يەردە بىلمىگەن ھالدا زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ شۇ بېشارىتىنى ئاغزىغا ئالغان ئىدى: «قاراڭلار، «شاخ» دەپ ئاتالغان ئادەم!» («زەك.» 8:3، 12:6). 19:7 لاۋ. 24‏:16؛ يـۇھ. 5‏:18؛ 10‏:3. 19:8 «پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،...» ــ پىلاتۇس نېمىشقا قورقتى؟ ئەگەر بىرسى ئۆزىنى رىملىق ئىمپېراتور قەيسەرگە باراۋەر قىلىپ «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېسە، «قەيسەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن؛ شۇڭا گەرچە ئۇنىڭ ئەيسانى قويۇۋەتكۈسى بولسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلىشتىن قورقاتتى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن، يەنى ئايالىنىڭ ئەيسا توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقىشىمۇ مۇمكىن ئىدى («مات.» 19:27). 19:11 «ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى» ــ «ئەرشتىن» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «يۇقىرىدىن». مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەرشنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. «... مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەم» ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا ئەمەس، بەلكى باش كاھىن قايافا ئىدى. قايافا يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى-مەسىھىنى ئېتىقادسىز رىملىقلارغا تاپشۇرغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولغانىدى. 19:12 «بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، سىز قەيسەرنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز!» ــ «قەيسەر» رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئۇنۋانى. «قەيسەرنىڭ دوستى» ــ بۇ مەخسۇس بىر ئۇنۋان ئىدى. پىلاتۇس بەلكىم مىڭ تەسلىكتە شۇ ئالاھىدە ئۇنۋانغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەنە شۇنداق يۇقىرى ئۇنۋاندىن مەھرۇم بولۇشتىن ئىنتايىن قورقاتتى. 19:12 روس. 17‏:7. 19:14 «ۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈندىكى ھېيت «چاگىگاھ» دەپ ئاتىلاتتى («قان.» 1:16-13، «2تار.» 1:35، 2، 6 ۋە 18نى كۆرۈڭ). «ئالتىنچى سائەت» باشقا ئىزاھاتلىرىمىزدا ئېيتقىنىمىزدەك، رىم ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەتىگەن سائەت ئالتە ئىدى. 19:15 يار. 49‏:10. 19:16‏-17 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:24، 25؛ مات. 27‏:31، 33؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:26، 33. 19:19 مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ لۇقا 23‏:38. 19:23 مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ لۇقا 23‏:34. 19:24 «مېنىڭ كۆڭلىكىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ چاپىنىم». زەبۇردا («زەب.» 18:22) ئىبرانىي تىلى بويىچە «چاپان» ياكى «كۆڭلەك»نى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، *مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى» ــ «زەب.» 15:22. 19:24 زەب. 22‏:18 19:25 «ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى» ــ بۇ ئايەتنى «مات.» 56:27 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ سىڭلىسى»، يەنى مەريەمنىڭ سىڭلىسى بولسا زەبەدىينىڭ ئايالى، شۇنداقلا روسۇللاردىن يۇھاننا بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى باردۇر. «مار.» 40:15دە ئۇ «سالومى» دەپ ئاتىلىدۇ. 19:25 مات. 27‏:55؛ مار. 15‏:40؛ لۇقا 23‏:49. 19:26 «ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ...» ــ «ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسى» بەلكىم بۇ باياننىڭ مۇئەللىپى يۇھاننا بولۇشى مۇمكىن. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 19:28 «ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى» ــ «زەب.» 15:22، 31- ياكى 21:69نى كۆرۈڭ. 19:28 زەب. 22‏:15؛ 69‏:21 19:30 «ئەيسا... بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى» ــ ئەيسا «بېشىنى تۆۋەن چۈشۈردى» ئاندىن، «روھىنى تاپشۇرۇپ بەردى». ئادەتتىكى ئادەم بولسا، ئاۋۋال «روھىنى بېرىدۇ» ئاندىن «بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرىدۇ». دېمەك، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈشىنىڭ دەقىقىسىنى تاللىۋالدى، ئۆزلۈكىدىن ئۆلدى (17:10-18نى كۆرۈڭ). 19:31 «ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا،...» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى). 14-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدەك بۇ كۈنى ئادەتتىكى بىر شابات كۈنى (ھەپتىنىڭ يەتتىنچى كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى) بولغان بۇلوشىمۇ مۇمكىن. ئىككى تەرەپتىن «شابات» كۈنى بولغاچقا، بەلكىم «ئۇلۇغ كۈن» دېيىلىشى مۇمكىن ئىدى. «كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى» ــ «قان.» 22:21-23 ۋە «يەشۇئا» 29:8دە يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن بېكىتىلگەن قانۇن بويىچە، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بىرسىنىڭ جەسىتى تۈۋرۈك ياكى دەرەختە كەچكىچە ئېسىقلىق تۇرماسلىقى كېرەك ئىدى؛ بولمىسا «زېمىنىڭلار ناپاك بولىدۇ» دەپ بېكىتىلىگەن. كرېستكە تارتىلغانلار بەزى ۋاقىتلاردا ئىككى-ئۈچ كۈن ئېسىلغاندىن كېيىنلا ئۆلەتتى. ئەگەر پۇتىلىرى سۇنۇلغان بولسا، كۆكسىنى تولۇق كۆتۈرەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن نەپەس ئالالماي تېزلا ئۆلەتتى. 19:34 «ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى» ــ «1يۇھ.» 6:5-8نى كۆرۈڭ. «قان ۋە سۇ»نىڭ تەڭ چىقىشى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 19:36‏-37 «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ــ «مىس.» 10:12، (LXX) ، 46:12، «چۆل.» 12:9، «زەب.» 20:34. «ۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» ــ «زەك.» 10:12. 19:36‏-37 مىس. 12‏:46؛ چۆل. 9‏:12؛ زەب. 34‏:20؛ زەك. 12‏:10. 19:38 مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:42؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 12‏:42. 19:39 «بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىم» ــ «يۇھ.» 1:3-15نى كۆرۈڭ. «مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ،...» ــ شۇ چاغدىكى «جىڭ» بەلكىم 0.325 كىلوگرام ئىدى، شۇڭا دورا-دەرمانلار 32 كىلوچە ئىدى. 19:39 يـۇھ. 3‏:1؛ 7‏:50. 19:41 «باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى» ــ ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردىن ئېنىقكى، بۇ قەبرە (يەرلىك) تاش ئۆڭكۈر ئىدى. «ھېچكىم شۇ يەرگە قويۇلمىغان» بولغاچقا، شۇ يەر تەۋرات قانۇنى بويىچە پۈتۈنلەي «پاكىز بىر جاي» (ھېچ ئۆلۈك تېگىپ باقمىغان) دەپ ھېسابلىناتتى. 19:42 «يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا،...» ــ «ھېيت» بولسا «پېتىر نان ھېيتى». ئۇنىڭ بىرىنچى كۈنى بىلەن شابات كۈنى ئوخشاشلا شۇ كۈنى كەچ سائەت 6-دە باشلىناتتى، شۇڭا تېزرەك دەپنە قىلىنىش كېرەك ئىدى.