21
ئەيسانىڭ يەتتە مۇخلىسىغا كۆرۈنۈشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى: سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى. سىمون پېترۇس:
مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، ــ دېدى.
كۆپچىلىك:
بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، ــ دېيىشتى.
ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن شۇ بىر كېچە ھېچنەرسە تۇتالمىدى. تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. شۇڭا ئەيسا:
ــ بالىلار، سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.   ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا:
ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى بېلىنىڭ ئاستى يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى. قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى. ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. 10 ئەيسا:
ــ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، ــ دېدى.
11 سىمون پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى. 12 ئەيسا:
ــ كېلىڭلار، ناشتا قىلىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن:
ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى. 13  ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. 14 مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى.
 
ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن ئۈچ قېتىم تېنىشىدىن كېيىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى
15 ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن:
ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
ــ شۇنداق رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن! ــ دېدى پېترۇس.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلىتىپ باق! ــ دېدى.
16 ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن:
ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
پېترۇس يەنە:
ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.
17 ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە:
ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ:
ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.    18 بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى.  
19 ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە:
ــ ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
20 پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى).    21 پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن:
ــ ئى رەب، بۇ ئادەم كېيىن قانداق بولار؟ ــ دەپ سورىدى.
22 ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
23 بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.
 
خاتىمە
24 بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
25 ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى!
21:1 «تىبېرىياس دېڭىزى» ــ گالىلىيەدە بولۇپ، «گالىلىيە دېڭىزى» ۋە «خىننەسەرەت كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ كۆلدۇر. 21:2 مات. 4‏:21؛ مار. 1‏:19؛ يـۇھ. 1‏:46. 21:5 «سىلەردە يېگۈدەك بىر نەرسە يوققۇ؟» ــ گرېك تىلىدا «بېلىق تۇتتۇڭلارمۇ؟» دېگەننى پۇرىتىدۇ. 21:6 «تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر» ــ گالىلىيە دېڭىزىدىكى بېلىقلار كۈندۈزى دېڭىز ئاستىغا چۈشۈۋالىدىغىنى تۈپەيلىدىن، شۇ ۋاقىتتا بېلىق تۇتۇش زادى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 21:6 لۇقا 5‏:4، 6، 7. 21:7 يـۇھ. 13‏:23؛ 20‏:2. 21:8 «تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز» ــ يۈز مېتردەك. 21:10 لۇقا 24‏:41. 21:11 «بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى» ــ بۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. 21:12 «مۇخلىسلارنىڭ ئىچىدىن ھېچكىم ئۇنىڭدىن: ــ سەن كىم بولىسەن؟ ــ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى بىلدى» ــ رەب ئەيسا ئۇلارغا تونۇش بولغان قىياپەتتىن باشقا بىرخىل قىياپەتتە ئۇلارغا كۆرۈنگەن بولسا كېرەك. 21:14 «ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ» ــ گرېك تىلىدا «ئەيسانىڭ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلىپ،...». «ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى» ــ بەلكىم ئون بىرەيلەننىڭ جەم بولغان ۋاقتىدا ئۇلارغا نىسبەتەن ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ. 21:15 «يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون» ــ «يۇنۇس» ــ گرېك تىلىدا ۋە ئىبرانىي تىلىدا «يوناھ» (ئەرەبچە «يۇنۇس»). بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «يۇھاننا» دېيىلىدۇ. «مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن» ــ مۇشۇ سوئالدا «بۇلار» كىمنى بىلدۈرىدۇ؟ بىزنىڭچە ئەينى يەردە تۇرغان باشقا مۇخلىسلارنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز. «مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى سەن بىلىسەن!» ــ «سۆيىدىغانلىقىم» مۇشۇ يەردە ئادەتتە «دوست تۇتۇش» دېگەن بىر پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى گرېك تىلىدىكى «سۆيۈش»تىن ئاجىز بولغاچقا، بەزى ئالىملار پېترۇسنىڭ سۆزى «مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىمنى «سۆيۈش» دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت «دوست تۇتۇش» دېگىلى بولىدۇ» دېگەندەك كىچىك پېئىللىقنى بىلدۈرىدۇ ياكى بولمىسا پېترۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيساغا بولغان مۇھەببىتىگە گۇمانى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز بۇ كۆزقاراشقا قايىلمىز. 21:16 «...رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن» ــ «سۆيىدىغانلىقىم» دېگەن سۆز 15-ئايەتتىكىدەك «دوست تۇتۇش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 21:17 «يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟» ــ «سۆيەمسەن» ــ ئەيسا بۇ قېتىم «سۆيۈش»نى بىلدۈرۈش ئۈچۈن (15-ئايەتتىكى) «دوست تۇتۇش» دېگەن پېئىلنى ئىشلىتىدۇ. «رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن» ــ بۇ ئايەتتىكى «سۆيەمسەن؟» ۋە «سۆيىدىغانلىقىم» ئىككىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «دوست بولۇش» دېگەن پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 21:17 يـۇھ. 16‏:30. 21:18 «ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ» ــ بەزى كونا تارىخلار بويىچە، روسۇل پېترۇس ئاخىردا رەببى ئەيسادەك كرېستلەنگەن (رىم شەھىرىدە). 21:18 يـۇھ. 13‏:36؛ روس. 12‏:3؛ 2پېت. 1‏:14. 21:19 2پېت. 1‏:14. 21:20 «پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى..» ــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» روسۇل يۇھاننادۇر. 21:20 يـۇھ. 13‏:23؛ 20‏:2؛ 21‏:7. 21:24 يـۇھ. 19‏:35. 21:25 يـۇھ. 20‏:30.