3
قايتىدىن تۆرىلىش
يەھۇدىيلار كېڭەشمىسىنىڭ پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى. بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى.  
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى.
نىكودىم:
ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى.
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما. شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر.
نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا:
ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى.
10 ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ 11  بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر.    12 سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ 13 ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى.    14 مۇسا چۆلدە تۇچ يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.
  
15 شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ».  
16 چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.    17 خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. 18 كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. 19 ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. 20 چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ 21 لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ.  
 
يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىدۇ
22 بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. 23 شۇ چاغدا يەھيا پەيغەمبەرمۇ سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى 24 (چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى).
25  شۇ ۋاقىتلاردا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. 26 ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ:
ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ تەرىپلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى.  
27 يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى:
ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. 28 مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. 29 كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. 30 ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر.
31 ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ 32 ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. 33  ھالبۇكى، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ .
  
34 چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس.
  
35 ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر.    36 ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.
 
 
3:2 «ئۇستاز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «راببى»، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە. 3:2 يـۇھ. 7‏:50؛ 9‏:16، 33؛ 19‏:39؛ روس. 10‏:38. 3:3 «ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس!» ــ «يۇقىرىدىن» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا يەنە «قايتىدىن» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ ۋە شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يەردە بۇ ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3:5 تىت. 3‏:5. 3:6 رىم. 8‏:5. 3:8 «شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر» ــ گرېك تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەيسانىڭ بۇ ئايەتتىكى كۈچلۈك سۆزلىرىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بىر-بىرلەپ شەرھلەيمىز. 3:10 «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى» ــ بۇ سۆز بەلكىم نىكودىمنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى تەۋرات ئۇستازى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 3:11 «بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر» ــ نېمىشقا ئەيسا نىكودىمغا شۇنچە ئېغىر تەنبىھ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ بايانىدىن ئىككى مۇھىم سوئال چىقىدۇ: «بىز» كىم؟، «سىلەر» كىم؟ بۇلار توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز. 3:11 يـۇھ. 3‏:32؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:24. 3:13 «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. 3:13 يـۇھ. 6‏:62؛ ئ‍ەف. 4‏:9. 3:14 «مۇسا چۆلدە تۇچ يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» ــ ئوقۇرمەنلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى «چۆل.» 4:21-9دە تاپالايدۇ. ئىسرائىللار گۇناھ سادىر قىلغاندا، خۇدا ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئارىسىغا يىلانلارنى ئەۋەتكەن. يىلانلار نۇرغۇن ئادەملەرنى چاققان، مۇسا خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى ھاسىغا بېكىتىپ، ھاسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىسرائىلنىڭ بارگاھىنى ئايلىنىپ ماڭغان. يىلانلارنىڭ زەھىرىدىن ئۆلەي دەپ قالغانلار ئەگەر ئىمان بىلەن شۇ تۇچ يىلانغا قارىسا ساقايغان. بۇ ۋەقە ئەيسانىڭ كرېستتە كۆتۈرۈلۈشىگە بېشارەت بولىدۇ. گۇناھىدىن ئۆلەي دېگەنلەر ئەيساغا ئىمان بىلەن قارىسا (ئەيسا بىز ئۈچۈن گۇناھنىڭ ئۆزى قىلىنغان، «2كور.» 21:5) گۇناھتىن ساقايتىلىدۇ ــ دېمەك، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 3:14 چۆل. 21‏:9؛ 2پاد. 18‏:4؛ يـۇھ. 8‏:28؛ 12‏:32. 3:15 «شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ» ــ بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ مەسىھنىڭ سۆزلىرى بەلكىم 15-ئايەتتە توختايدۇ. 16-21-ئايەتلەرنى روسۇل يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دەپ ئىشىنىمىز. 3:15 يـۇھ. 3‏:15. 3:16 «شۇ قەدەر سۆيىدۇكى،...» ــ گرېك تىلىدا يەنە «شۇ يول بىلەن سۆيىدۇكى،...» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. 3:16 يـۇھ. 3‏:36؛ لۇقا 19‏:10؛ رىم. 5‏:8؛ 8‏:31؛ 1يۇھ. 4‏:9؛ 5‏:10. 3:17 لۇقا 9‏:56؛ يـۇھ. 9‏:39؛ 12‏:47؛ 1يۇھ. 4‏:14. 3:18 يـۇھ. 5‏:24؛ 6‏:40،47؛ 20‏:31. 3:19 يـۇھ. 1‏:5. 3:21 «خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى» ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا قىلغانلىقى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 3:21 ئ‍ەف. 5‏:13،8. 3:22 يـۇھ. 4‏:1. 3:23 مات. 3‏:6؛ مار. 1‏:5؛ لۇقا 3‏:7. 3:24 مات. 14‏:3. 3:26 «ئۇستاز» ــ گرېك تىلىدا «راببى». «...ئۆزۈڭ تەرىپلەپ گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ» ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ يەھۇدىي كىشى بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىپ (25-ئايەت) بۇ سوئالنى تۇغدۇرغان؟ يەھيا بولسا تەۋرات دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر ھېسابلىنىدۇ. يەھيا شۇ سالاھىيىتىدە تەۋرات («كونا ئەھدە»)تىكى تاھارەت ئىشلىرىنى تېخىچە ساقلاپ كەلگەنىدى. لېكىن مەسىھ «ئىچكى تازىلىق»نى تەكىتلەيدىغان تەلىمى بىلەن «يېڭى ئەھدە»نى تونۇشتۇرۇۋاتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ بەس-مۇنازىرىدە يەھيانىڭ تەلىملىرى ۋە ئەيسانىڭ تەلىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر تۈگىشى مۇمكىن ئىدى. يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ «خەلق «سەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ «يېڭى ئادەم»نىڭ قېشىغا بارىدۇ» دېيىشنىڭ مەقسىتى يەھيانىڭ ئىناۋەت-ئابرۇيىنى قوغداش ئىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن يەھيانىڭ (27-31-ئايەتتىكى) جاۋابى «بۇنداق ئويلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەكسىچە خۇشال بولۇشىمىز لازىم» ئىدى. 3:26 مات. 3‏:11؛ مار. 1‏:7؛ لۇقا 3‏:16؛ يـۇھ. 1‏:15، 26، 34. 3:28 مال. 3‏:1؛ مات. 11‏:10؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:17؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:20، 21 ،23. 3:29 «كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر بىلەن يەھيا پۆيغەمبەر ئەيسا مەسىھنى توي يىگىتىگە ئوخشىتىدۇ ۋە: ئۆزۈم بولسام پەقەت توي يىگىتىنىڭ قولدىشىمەن، خالاس، دەيدۇ. 3:30 «ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر» ــ يەھيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ، 31-36-ئايەتلەرنى يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز. بەزى ئالىملار 32-34- ياكى 32-36-ئايەتلەرنىمۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى، دەپ قارايدۇ. 3:31 يـۇھ. 8‏:23. 3:32 يـۇھ. 5‏:30؛ 8‏:26؛ 12‏:49؛ 14‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:10. 3:33 «كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ» ــ «خۇدا ھەق» دېگەن سۆزدە كۆزدە تۇتۇلغىنى نېمە؟ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئەسلىدە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئەۋەتىمەن، دەپ بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلىرى ھازىر ئەيسادا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دېگەنلىك بولىدۇ. «مۆھۈرىنى باسقان» ــ بىرىنچىدىن، باشقىلارغا «خۇدا ھەقتۇر» دەپ ئېنىق گۇۋاھلىق بېرىدىغان ۋە ئىككىنچىدىن، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغۇچى ئۆز ھاياتىدا شۇ گۇۋاھلىقنى تەستىقلايدىغان خۇدانىڭ روھىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرىدۇ، شۇڭا «خۇدا ھەق» دەپ تېخىمۇ كۈچلۈك گۇۋاھچى بولىدۇ. 3:33 رىم. 3‏:4. 3:34 «...چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس» ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. دېمەك، خۇدا پەيغەمبەرلىرىگە ئۆز روھىدىن «ئۆلچەم بىلەن كەملەپ» ئاتا قىلغىنى بىلەن، مەسىھگە بولسا ئۆلچىمەي بەرمەكتە. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدا روھنى ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس» ــ دېمەك، ئىنجىل دەۋرىدە خۇدا مەسىھ ئارقىلىق مۇقەددەس روھىنى ھەممە ئېتىقادچىغا ئۆلچىمەي ئاتا قىلىدۇ. 3:34 ئ‍ەف. 4‏:7. 3:35 «ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ «ئوغۇل» بولسا ــ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، ئەلۋەتتە. «يۇھاننا»دا «ئۇغۇل» كۆپ ئىشلىتىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئوغلى بىردىنبىردۇر. 3:35 مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 5‏:22؛ 17‏:2؛ ئىبر. 2‏:8. 3:36 يـۇھ. 3‏:36؛ 6‏:47؛ 1يۇھ. 5‏:10.