5
كۆلچەك بويىدىكى پالەچنىڭ ساقايتىلىشى
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى. يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن:
ــ ساقىيىشنى خالامسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ تەقسىر، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ، ــ دېدى.
ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن! ــ دېدى.
ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى.    10 شۇڭا بەزى يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە:
ــ بۈگۈن شابات كۈنى تۇرسا، ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈش تەۋراتتا ساڭا مەنئى قىلىنغان! ــ دېدى.
11 لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى.
12 ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
13 بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى. 14 بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا:
ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى.
15 ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 16 ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
17 لېكىن ئەيسا ئۇلارغا:
ــ ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن! ــ دېدى.  
18 شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى.
 
ئەيسانىڭ ھوقۇقى
19 شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئوغۇل ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ، بەلكى پەقەت ئاتىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلىدۇ. ئاتا نېمە ئىش قىلسا، ئوغۇلمۇ شۇ ئىشنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. 20 چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ.    21 چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. 22 شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. 23 بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. 24 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
25 ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ.    26 چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى 27 ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. 28 بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ 29 ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ. 30 مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامدىن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.
 
ئەيسانىڭ خۇدا ئەۋەتكىنى بولغىنىغا تۆت گۇۋاھلىق
31 ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ.    32 لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن.    33 سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن 34 (ئەمەلىيەتتە، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ يەھيا توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر). 35  يەھيا بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار. 36 لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.    37 ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار 38 ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر.
39 مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 40 شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر.
41 مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛ 42 لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق. 43 مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. 44 سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!
45 بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر. 46 چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر. 47 لېكىن ئۇنىڭ پۈتكەنلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟!
 
 
5:1 لاۋ. 23‏:2؛ قان. 16‏:1. 5:3 «پالەچلەر» ــ ياكى «يىگلىگەنلەر». 5:4 «چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن» ــ 3-ئايەتتىكى «ئۇلار يېتىپ... 4-ئايەتتىكى «...ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن» دېگەن سۆزلەرگىچە بەزى كۆنا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. ئەمما بىزنىڭچە، بۇ سۆزلەر 7-ئايەتتىكى سۆزلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى چوقۇم ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز. 5:8 مات. 9‏:6؛ مار. 2‏:11؛ لۇقا 5‏:24. 5:9 «شابات كۈنى» ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان، دەم ئالىدىغان مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىشلەش قەتئىي مەنئى قىلىنغان. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. 5:9 يـۇھ. 9‏:14. 5:10 مىس. 20‏:10؛ قان. 5‏:13؛ يەر. 17‏:21؛ مات. 12‏:2؛ مار. 2‏:24؛ لۇقا 6‏:2. 5:14 مات. 12‏:45؛ يـۇھ. 8‏:11. 5:16 «يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى» ــ «يەھۇدىيلار» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار، ھۆكۈمدارلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەشكە باشلىدى» دەپ قوشۇلىدۇ. 5:17 «ئاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ ئىشلەيمەن!» ــ «ئاتام» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە. ئەيسا يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن شابات كۈنى ئىش قىلىسەن» دېگەن سوئالىغا بەرگەن جاۋاب قىسقا بولغىنى بىلەن بۇ يەھۇدىي ئۆلىمالىرىغا تۆۋەندىكىدەك مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ــ «خۇدا ئۆزى ھەردائىم، جۈملىدىن شابات كۈنىدە ئىشلىمەمدۇ؟ ئۇ دائىم ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە پۈتكۈل ئالەمنى ئۆز-ئۆزىگە تۇتاشتۇرۇپ، ھەممە مەۋجۇداتلارنى بىر-بىرىگە باغلاندۇرۇپ تۇرمامدۇ؟ ئۇ شابات كۈنىدىمۇ بەزى ئىنسانلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ، بەزىلىرىنى ساقايتىپ، بەزىلىرىگە ھايات بەرمەمدۇ؟ ئۇ مېنىڭ ئاتام بولغانىكەن، مەن ئۇنىڭغا ھەمكارلاشمىسام بولمايدۇ!». يەھۇدىيلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ئۇنىڭ خۇدا بىلەن ئاتا-ئوغۇللۇق زىچ مۇناسىۋەتتە دېگىنىنى توغرا چۈشەنگىنى بىلەن، لېكىن بۇ سۆزىنى «كۇپۇرلۇق» دەپ قارىدى (18-ئايەت). 5:17 يـۇھ. 14‏:10. 5:18 يـۇھ. 7‏:19. 5:19 يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 3‏:30؛ 8‏:38؛ 9‏:4؛ 10‏:30؛ 14‏:9؛ 17‏:5. 5:20 «...ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، «تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلار» ئوغۇلغا ئايان قىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئايان قىلىنىدۇ. بۇ «ئۇلۇغ ۋە زور (گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) ئىشلار» 21-22-ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئوغۇل سۈپىتىدە بولغاچقا، خالىسا بۇ ئىشلارنى (خۇدا ئۆزى قىلىدىغاندەك) شابات كۈنىدىمۇ قىلىش ھوقۇقى بار. 5:20 يـۇھ. 1‏:2؛ 3‏:35؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 14‏:24. 5:21 «چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر ھەم جىسمانىي ھەم روھىي مەنىدە ئېيتىلىدۇ. 5:22 مات. 11‏:27؛ يـۇھ. 3‏:35. 5:23 يـۇھ. 2‏:23. 5:24 لۇقا 23‏:43؛ يـۇھ. 3‏:18؛ 6‏:40، 47؛ 8‏:51. 5:25 «...ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر، شۈبھىسىكى، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ («ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى،...»). چۈنكى 28-ئايەتتە جىسمانىي ئۆلۈكلەر ئايرىم كۆرسىتىلىدۇ. 5:25 ئ‍ەف. 2‏:1، 5؛ 1تىم. 5‏:6. 5:26 «چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى» ــ باشقا بىرخىل ياخشى تەرجىمىسى «چۈنكى ئاتا ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغۇلنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى». 5:28 1تېس. 4‏:16. 5:29 دان. 12‏:2؛ مات. 25‏:34،46. 5:30 يـۇھ. 6‏:38. 5:31 «ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ» ــ «ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ» گرېك تىلىدا «ھەقىقەت ئەمەس». 5:31 يـۇھ. 8‏:14. 5:32 «لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن» ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ مۇھىم «گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى» يەھيا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتىسى ئۆزىدۇر. 34-ئايەتنى كۆرۈڭ («ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق»). 5:32 يەش. 42‏:1؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5. 5:33 يـۇھ. 1‏:15، 19، 27. 5:34 «ئەمەلىيەتتە، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق» ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈم توغرۇلۇق ئىنسانلارنىڭ گۇۋاقلىقىنى قوبۇل قىلمايمەن» «مېنىڭ يەھيا توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇ» ــ دېمەك، سىلەر پەرىيسىلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزۈم توغرۇلۇق («مانا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى!» دېگەن) گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساڭلار، نىجات تاپالايسىلەر. 5:36 «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ» ــ «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر» ــ ئەيسا يارىتىۋاتقان كۆپ مۆجىزىلەردىن ئىبارەت. 5:36 يـۇھ. 10‏:25؛ 1يۇھ. 5‏:9. 5:37 مىس. 33‏:20؛ قان. 4‏:12؛ مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 6‏:27؛ 8‏:18؛ 1تىم. 6‏:16؛ 2پېت. 1‏:17؛ 1يۇھ. 4‏:12. 5:39 قان. 18‏:18؛ يەش. 34‏:16؛ لۇقا 16‏:29؛ 24‏:27؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 17‏:11. 5:42 «ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق» ــ ياكى «خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق». 5:43 «ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر» ــ «باشقا بىرسى» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆز كۆپ «ساختا مەسىھ»لەرنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى زاماندا پەيدا بولغان دەججالنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر مىسال، مىلادىيە 135-يىلى ئۆزىنى «مەسىھ بولىمەن» دېگەن، «بار-قوقبا» ئىسىملىك دەججالدەك بىر شەخس پەلەستىندە پەيدا بولغان ۋە نۇرغۇن يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئالدانغان. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن قارشىلىشىشقا چىقىپ، ئاخىر بېرىپ رىمنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 5:44 يـۇھ. 12‏:43. 5:46 يار. 3‏:15؛ 22‏:18؛ 26‏:4؛ 28‏:14؛ قان. 18‏:18.