19
چېقىلغان كوزىدىن ئالغان ساۋاق
1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ، 2 «ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. ◼ 3 مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. ◘ 4 چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. ◘ 5 ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان. 6 شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ◘ 7 مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. ◘ 8 مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ. 9 مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. ◘
10 ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛ 11 شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. ◘ 12 مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. ◼ 13 يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا شاراب ھەدىيەلىرىنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ. ◘
 
14 ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: 15 ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىگە قاراپ ئېيتقان بالايىئاپەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ مېنىڭ سۆزلىرىمنى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان. ◘
 
 
◼ 19:2 «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» ــ بەزىدە «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (ئىبرانىي تىلىدا «گە-ھىننوم») دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بەلكىم ساپالچىلار شۇ يەردە ساپال پارچىلىرىنى تاشلىۋېتەتتى. كېيىن، خەلق شۇ يەرگە ھەرخىل ئەخلەتلەرنى تۆككەچكە، ئۇ يەر «دوزاخ»نىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن «گە-ھىننوم» دېگەن سۆز «دوزاخ»نى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلى ئارقىلىق بۇ سۆز «جەھەننەم» شەكلىدە ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. ◘ 19:3 1سام. 3‏:11؛ 2پاد. 21‏:12 ◘ 19:4 يەش. 65‏:11؛ يەر. 2‏:13،17،19؛ 5‏:7،19؛ 7‏:6؛ 15‏:6؛ 17‏:13 ◘ 19:6 يەر. 7‏:32 ◘ 19:7 يەر. 15‏:3؛ 16‏:4 ◘ 19:9 لاۋ. 26‏:29؛ قان. 28‏:53؛ يىغ. 4‏:10 ◘ 19:11 يەر. 7‏:32 ◼ 19:12 «توفەت» ــ بۇ يەر توغرۇلۇق 31:7نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «توفەت» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئوچاق» ھەم «ئۇيات» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە «تۈكۈرۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەر «ھىننومنىڭ ئوغلى (ئىبن-ھىننوم)نىڭ جىلغىسى»غا جايلاشقان، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئىدى. خەلق ئاشۇ يەردە ئەخلەتلەرنى ۋە ناپاك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆيدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتايىن «ھارام»، ئەڭ بۇلغانغان جاي دەپ ھېسابلاندى. ◘ 19:13 يەر. 7‏:18 ◘ 19:15 يەر. 7‏:26؛ 17‏:23