19
ئىلىياس پەيغەمبەر يىزەبەلدىن قاچىدۇ
لېكىن ئاھاب ئىلىياسنىڭ ھەممە قىلغىنىنى، جۈملىدىن ھەممە پەيغەمبەرلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگىنىنى يىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى.
يىزەبەل بولسا ئىلىياسقا بىر خەۋەرچى ئەۋەتىپ: ــ ئەگەر ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە سەن شۇلارنىڭ جانلىرىغا قىلغىنىڭدەك مەن سېنىڭ جېنىڭنى ئوخشاش قىلمىسام، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە قىلسۇن! ــ دەپ ئېيتقۇزدى.
ئۇ بۇنى بىلگەندە، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزماق ئۈچۈن قېچىپ يەھۇدا تەۋەسىدىكى بەئەر-شېباغا باردى. ئۇ ئۇ يەردە ئۆز خىزمەتكارىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى.
ئۇ شۇ شىۋاق ئاستىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. مانا بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ، نان يېگىن، دېدى.
ئۇ قارىسا بېشىدا قىزىق چوغلاردا پىشىۋاتقان بىر پوشكال ۋە بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ يەپ-ئىچىپ يەنە ئۇخلىغىلى ياتتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە كېلىپ ئىككىنچى قېتىم ئۇنى نوقۇپ ئۇنىڭغا: ــ قوپۇپ نان يېگىن. بولمىسا يولۇڭنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرەلمەيسەن، دېدى.
ئۇ قوپۇپ يەپ-ئىچتى. شۇ تائامدىن ئالغان قۇۋۋەت بىلەن ئۇ قىرىق كېچە-كۈندۈز مېڭىپ خۇدانىڭ تېغى ھورەبگە يېتىپ باردى.    ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى. ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ ئى ئىلىياس، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
10  ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن، يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.  
11  ئۇ ئۇنىڭغا: ــ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تاغدا تۇرغىن، دېدى. مانا، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا زور كۈچلۈك بىر شامال چىقىپ، تاغلارنى سۇندۇرۇپ، قورام تاشلارنى پارچىلاپ چېقىۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگار شامالدا ئەمەس ئىدى. شامالدىن كېيىن بىر يەر تەۋرەش بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەشتە ئەمەس ئىدى. 12  يەر تەۋرەشتىن كېيىن بىر لاۋۇلدىغان ئوت كۆتۈرۈلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئوتتا ئەمەس ئىدى. ئوتتىن كېيىن بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
13  ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىلىياس شۇنى ئاڭلاپ، يۈزىنى يېپىنچىسى بىلەن ئوراپ غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ تۇردى. مانا، بىر ئاۋاز چىقىپ ئۇنىڭغا: ــ ئى ئىلىياس، سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ــ دېدى.
14  ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.
15  پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، ئاندىن دەمەشقنىڭ چۆلىگە بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندا ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن. 16  ئاندىن نىمشىنىڭ ئوغلى يەھۇنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن؛ ئۆز ئورنۇڭغا پەيغەمبەر بولۇشقا ئابەل-مەھولاھلىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىمۇ مەسىھ قىلغىن. 17  ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ھازائەلنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى يەھۇ ئۆلتۈرىدۇ؛ يەھۇنىڭ قىلىچىدىن قېچىپ قۇتۇلغان ھەربىرىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. 18  لېكىن ئىسرائىلدا يەتتە مىڭ كىشىنى، يەنى بائالنىڭ ئالدىدا تىزلىرىنى پۈكمىگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى.  
19  ئۇ ئۇ يەردىن چىقىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى. ئۇ چاغدا ئۇ يەر ھەيدەۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۇي بار ئىدى، ئۇ ئون ئىككىنچىسى بىلەن قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئىلىياس كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى. 20  ئۇ ئۇيلارنى تاشلاپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ: ــ مېنى بېرىپ ئاتام بىلەن ئانامنى سۆيگىلى قويغىن، ئاندىن مەن كېلىپ ساڭا ئەگىشەي، ــ دېدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ــ دېدى.
21  ئۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن بىر جۈپ ئۇينى سويۇپ، ئۇلارنىڭ جابدۇقىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ خەلققە بېرىۋىدى، ئۇلار يېدى. ئاندىن ئۇ ئورنىدىن قوپۇپ ئىلىياسنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
 
 
19:8 «خۇدانىڭ تېغى ھورەب» ــ «ھورەب تېغى» دەل پاران چۆل-باياۋانىغا جايلاشقان، مۇسا پەيغەمبەر تۇرۇپ ئىسرائىل ئۈچۈن «تەۋرات قانۇنى»نى قوبۇل قىلغان «سىناي تېغى»دۇر. 19:8 مىس. 34‏:28؛ مات. 4‏:2 19:9 «ئۇ ئۇ يەردىكى غارغا كىرىپ قوندى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ ئاشۇ غارغا كىرىپ قوندى» دېيىلىدۇ. «ئاشۇ غار» دېگەن سۆزگە قارىغاندا ئويلايمىزكى، بۇ غار تونۇش بىر جاي بولسا كېرەك. يەھۇدىي ئۆلىمىلار بۇ غارنى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرنى يوشۇرۇپ قويغان جاي ئىدى دەپ قارايتتى، بىز بۇ پىكىرگە قايىلمىز («مىس.» 21:33-22نى كۆرۈڭ). 19:10 «پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم» ــ دېمىسەكمۇ، ئىلىياسنىڭ: «ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم» دېگىنى ئۆزىنىڭ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك يىرگىنچلىك بۇتلارغا ئىبادەت قىلغانلىقىغا قاراپ «ئىبادەت پەقەت خۇداغىلا مەنسۇپ بولۇش كېرەك» دەپ بۇتلارغا ياكى بۇتلارنىڭ كەينىدە تۇرۇۋتقان جىن-شەيتانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىلى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە بولغان ھەسىتىنى كۆرسىتىدۇ. 19:10 رىم. 11‏:3 19:12 «بوشقىنا، مۇلايىم بىر ئاۋاز ئاڭلاندى» ــ ياكى «يېنىك، بوش بىر تىنىش ئاۋاز ئاڭلاندى». 19:15 «ھازائەلنى سۇرىيە ئۈستىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھ قىلغىن» ــ «مەسىھ قىلىش» توغرىسىدا 34:1دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. 19:17 2پاد. 9‏:14-37 19:18 «ئۇنىڭغا ئاغزىنى سۆيگۈزمىگەن ھەربىرىنى ئۆزۈمگە ساقلاپ قالدۇردۇم، ــ دېدى» ــ خۇدانىڭ ئىلىياس پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا ئىلىياسنىڭ ھورەب تېغىغا سەپىرىنىڭ مەقسىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 19:18 رىم. 11‏:4 19:19 « ئىلىياس... شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى تاپتى... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز يېپىنچىسىنى تاشلاپ ئارتىپ قويدى» ــ ئىلىياس مۇشۇ ھەرىكىتى بىلەن «سەن ئېلىشاغا پەيغەمبەرلىك خىزمىتىم تاپشۇرۇلدى» دېگەندەك ئىدى. 19:20 «قايتقىن؛ مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟» ــ ئىلىياسنىڭ بۇ دېگىنى بەلكىم ئېلىشاغا: «پەيغەمبەرلىك يولى تەس، سېنىڭدە خۇدانىڭ چاقىرىقى بولمىسا ماڭا ھەرگىز ئەگەشمە!» دېگەندەك بىر ئاگاھ بولۇشى مۇمكىن. «پادىشاھلار (2)» 2-بابتا ئىلىياس ئېلىشاغا يەنە بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزنى قىلىدۇ.