4
ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىل
مات. 13‏:1-9؛ لۇقا 8‏:4-8
ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى. ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزغا چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ. بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.
ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ.
 
تەمسىللەرنىڭ مەقسىتى
مات. 13‏:10-17؛ لۇقا 8‏:9-10
10 ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى.    11 ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛    12 بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛
ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛
شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن،
كەچۈرۈم قىلىناتتى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.  
 
ئۇرۇق چاچقۇچى توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى
مات. 13‏:18-23؛ لۇقا 8‏:11-15
13 ئاندىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. 14 ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. 15 ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. 16 بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 17 ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 18 تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، 19 لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. 20 لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ.
 
سېۋەت ئاستىدىكى چىراغ
لۇقا 8‏:16-18
21 ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:
ــ چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇ چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلمەمدۇ؟    22 چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ.
23 ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن!
24 ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ.    25 چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.  
 
ئۈنگەن ئۇرۇق توغرىسىدىكى تەمسىل
26 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ: 27 ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 28 تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. 29 دان پىشقاندا، چاچقۇچى دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ.
 
قىچا ئۇرۇقى توغرىسىدىكى تەمسىل
مات. 13‏:31-32، 34-35؛ لۇقا 13‏:18-19
30 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتىمىز؟ ياكى قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز؟ 31 ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، 32 تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ.
33 ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى. 34 لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
 
ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى
مات. 8‏:23-27؛ لۇقا 8‏:22-25
35 شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا:
ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى. 36 خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
37 ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. 38 لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ:
ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى.
39 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
40 ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
41 ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە:
ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى.
 
 
4:1 مات. 13‏:1؛ لۇقا 8‏:4. 4:10 «ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى» ــ مۇشۇ يەردە «ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر» ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر (ئون ئىككىيلەندىن سىرت)نى كۆرسەتسە كېرەك. 4:10 مات. 13‏:10؛ لۇقا 8‏:9. 4:11 «لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ» ــ «سىرتتىكىلەرگە» خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن ياكى ئۇنىڭ نىجاتىدىن سىرتتا تۇرغانلار، دېمەك. 4:11 مات. 11‏:25؛ 2كور. 2‏:14؛ 3‏:14. 4:12 «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 9:6-10دىن ئېلىنغان. 4:12 يەش. 6‏:9-10؛ مات. 13‏:14؛ لۇقا 8‏:10؛ يـۇھ. 12‏:40؛ روس. 28‏:26؛ رىم. 11‏:8. 4:14 مات. 13‏:19؛ لۇقا 8‏:11. 4:19 مات. 19‏:23؛ مار. 10‏:23؛ لۇقا 18‏:24؛ 1تىم. 6‏:9. 4:21 «چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟» ــ «سېۋەت» گرېك تىلىدا «ئۆلچىگۈچى سېۋەت» دېيىلىدۇ. 4:21 مات. 5‏:15؛ لۇقا 8‏:16؛ 11‏:33. 4:22 ئايۇپ 12‏:22؛ مات. 10‏:26؛ لۇقا 8‏:17؛ 12‏:2. 4:24 «سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار» ــ بۇ سۆز كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇشى كېرەك؛ مەسىلەن: (1) ئادەم خۇدانىڭ سۆزىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپ ئېتىبار بەرسە، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەقىل بېرىدۇ؛ (2) بىز باشقىلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتسەك، خۇدامۇ بىزگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ؛ (3) ((2)-تەرىپىگە يېقىن) بىز باشقىلارنى قايسى ئۆلچەم بىلەن باھالىساق، خۇدا بىزنى باھالىغاندا دەل شۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ؛ (4) باشقىلارغا قانچىلىك خەير-ساخاۋەت كۆرسەتسەك، خۇدامۇ كېيىن بىزگە شۇنچىلىك ئىلتىپاتنى كۆرسىتىدۇ. 4:24 مات. 7‏:2؛ لۇقا 6‏:38. 4:25 «چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ «كىمدە بار بولسا... » ــ بۇ «بار بولسا» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسە بولسا كېرەك، بۇ ئىمان-ئىشەنچنى ئۆز ئىچىگە چوقۇم ئالىدۇ. بىز ئۆزىمىزگە «ئەبەدىي ئەھمىيەتلىك» ھەرنېمە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى پەقەت مەسىھدىنلا تاپالايمىز. 4:25 مات. 13‏:12؛ 25‏:29؛ لۇقا 8‏:18؛ 19‏:26. 4:29 «چاچقۇچى دەرھال ئورغاق سالىدۇ» ــ گرېك تىلىدا «چاچقۇچى دەرھال ئورغاق ئەۋەتىدۇ». 4:30 مات. 13‏:31؛ لۇقا 13‏:18. 4:31 «گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،...» ــ ياكى «گەرچە تۇپراق ئىچىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ،...». 4:32 «...ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ» ــ ياكى «...ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە ئۇۋۇلايدۇ». بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتردىن ئېشىپ كېتىدىغان، ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ. 4:33 مات. 13‏:34. 4:35 مات. 8‏:23؛ لۇقا 8‏:22. 4:36 «... ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى» ــ مەسىھ ئاللىقاچان كېمىدە ئولتۇرغانىدى (1-ئايەتتە). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «....ئۇنى شۇ پېتى كېمىسىگە چۈشۈرۈپ، ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى» ــ بۇ تەرجىمىدە «شۇ پېتى» بەلكىم مەسىھ «ھېچقانداق تەييارلىقسىز (دېڭىز سەپىرىگە لايىق كىيىم ياكى يېمەك-ئىچمەك ئالمىغان) ھالدا» دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن. 4:39 ئايۇپ 26‏:12؛ زەب. 107‏:29؛ يەش. 51‏:10.