مالاكى
1
«مالاكى پەيغەمبەر»
پەرۋەردىگاردىن مالاكىغا يۈكلەنگەن ۋەھىي، ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىلغا كەلگەن: ــ
 
بىرىنچى مۇنازىرە ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا بولغان مۇھەببىتى
ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر.
ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋغا نەپرەتلەندىم؛ ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆل قىلدىم، مىراسىنى چۆل-باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم. ئېدوم: «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق بىز خارابىلەشكەن جايلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز» ــ دېسە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ــ ئۇلار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر.
 
ئىككىنچى مۇنازىرە ــ كاھىنلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى
ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار!
بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.
سىلەر قۇربانگاھىم ئۈستىگە بۇلغانغان ئوزۇقنى سۇنىسىلەر؛ ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ سېنى بۇلغاپ قويدۇق؟» ــ دەيسىلەر؛ ئەمەلىيەتتە سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ دەيسىلەر.
كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر بۇنى سېنىڭ ۋالىيىڭغا سۇنۇپ باق؛ ئۇ سەندىن خۇرسەن بولامدۇ؟ ساڭا يۈز-خاتىرە قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
ــ ئەمدى، قېنى، سىلەر تەڭرىدىن بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن دەپ ئۆتۈنۈپ بېقىڭلار؛ قولۇڭلاردىن مۇشۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سىلەردىن ھەرقاندىقىڭلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
10 ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن-بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن.  
 
خۇدانىڭ نامىنى بۇلغاش
11 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
12 بىراق سىلەر بولساڭلار: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان، ئۇنىڭ مېۋىسى، يەنى ئاش-ئوزۇقى نەپرەتلىكتۇر» ــ دېگىنىڭلاردا، سىلەر ئۇنى ھارام قىلىسىلەر؛ 13 ۋە سىلەر: «مانا، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك!» دەيسىلەر ۋە ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ سىلەر يارىلانغان، توكۇر ھەم كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى شۇ پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر؛ مەن بۇنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
14 بەرھەق، پادىسىدا قوچقار تۇرۇپ، رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھدۇرمەن، نامىم ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىدىغان بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.
 
 
1:1 «يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ «ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. 1:2 رىم. 9‏:13 1:3 «ياقۇپنى سۆيدۇم، ئەساۋغا نەپرەتلەندىم» ــ «پالانچىنى سۆيدۇم، پوستانچىغا نەپرەتلەندىم» دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «پالانچىنى تاللىۋالدىم، پوستانچىنى رەت قىلدىم» دېگەن مەنىنى بىرقەدەر تەكىتلەيدىغان ئىبارە ئىدى. 1:4 «ئۇلار ، يەنى ئېدوملار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ» ــ ئېدوم خەلقى ئىسرائىلغا ھەردائىم ئۆچمەنلىك-ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنىدى. ئاخىرقى زاماندا ئۇلارنىڭ زېمىنى پۈتۈنلەي ئادەمزاتسىز بولۇپ، «ئوت-گۈنگۈرت كۆيدۈرىدىغان»، جىنلارنىڭ ماكانى بولىدۇ (مەسىلەن، «ئوبادىيا»نى، «يەش.» 34-بابنى كۆرۈڭ). خۇدا ئىسرائىلغا: «مانا ئېدوم زېمىنى ھەردائىم تاجاۋۇز قىلىنىپ، شەھەرلىرى بۈگۈنگە قەدەر خارابىلىكتە تۇرۇۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار ئۇلاردىن كۆپ ئەۋزەل، سىلەردە ئىبادەتخانا، شەھەرلەر ۋە ئارام-تىنچلىق بار، ئۇلاردىن ئوبدان ساۋاق ئېلىڭلار!» دېگەندەك بولسا كېرەك. ئېدومغا تاجاۋۇز قىلغانلار بابىللىقلار (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 587-586-يىلى) ۋە ئەرەبلەرنى (550-460-يىلى) ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1:5 «سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر» ــ «دېمەك، يات ئەللەر (ئەينى چاغدىكى بۇتپەرەس خەلقلەر) خۇدانىڭ كەلگۈسىدە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋەقە ئۇنىڭ تىرىك خۇدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 1:6 «كاھىن» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا پۇقرالار ئۈچۈن مەخسۇس قۇربانلىقنى كۆيدۈرگۈچى خادىم. 1:7 «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى»نى قانداق چۈشىنىمىز؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاپ بېغىشلانغان ھەممە قۇربانلىق ۋە ئۇلارغا قوشۇلغان «ئاشلىق ھەدىيە» ۋە «شاراب ھەدىيە» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى» دەپ ئاتالغان. كاھىنلارنىڭ بۇ داستىخاندىكى بەزى قۇربانلىقلاردىن بىر قىسمىنى يېيىش ھوقۇق-ئىمتىيازى بار ئىدى. 1:8 «كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟» ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، ھەربىر قۇربانلىق نۇقسانسىز بولۇشى كېرەك ئىدى. كور، توكۇر، كېسەل مال بۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا كىچىككىنە داغ بولسىمۇ بولمايتتى («لاۋ.» 22-بابنى، «قان.»، 19:15-21نى كۆرۈڭ). 1:10 «ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟» ــ بىرسى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېتىۋەتسە، كاھىنلار ياكى باشقىلار خۇدا ئالدىغا مۇشۇنداق «ناپاك قۇربانلىقلار»نى ھېچ ئېلىپ كىرەلمەيتتى. 1:10 يەش. 1‏:11؛ يەر. 6‏:20؛ ئام. 5‏:21، 22. 1:11 «كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ» ــ «خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ» دېگەن پېئىلنىڭ شەكلى بەك ئالاھىدە، يات ئەللەر ئارىسىدىكى بەزىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ھەتتا «باش كاھىن»غا ئوخشاش «خۇشبۇي ياندۇرۇش» ئىمتىيازىغا ئېرىشىدۇ، دەپ پۇرىتىدۇ. «پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پاك» دېگەن بۇ سۆز ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنىڭ «پاك» (ياكى بەزىدە «نۇقسانسىز»)لىقىنى تەسۋىرلەيدىغان ئادەتتىكى سۆزلەرگە قارىغاندا، «تېخىمۇ پاك»لىقنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئەللەر (يەھۇدىي ئەمەسلەر) ئارىسىدىكى بەزىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا «تەۋرات دەۋردىكىلەر»دىن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ پاك بىرخىل ھەدىيەنى خۇداغا سۇنالايدۇ... بۇ ئىشلار ئىنجىلدا شەرھلىنىدۇ (مەسىلەن، «رىم.» 12-باب، 1-2-ئايەت). 1:13 «...ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر» ــ ياكى «...ئۇنىڭغا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر» ــ دېمەك، خۇدانىڭ داستىخىنىغا. «سىلەر يارىلانغان... ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر...» ــ «يارىلانغان ... ماللار» بەلكىم يىرتقۇچ ھايۋان تەرىپىدىن يارىلانغان. بۇنداق گۆشنى ھەتتا ئادەم يېسىمۇ بولمايتتى (تەۋرات، «مىس.» 31:22). بەزى ئالىملار بۇ سۆز كالا-قويلار «كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭدا تۇتۇۋېلىنغان» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. 1:14 «...رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ» ــ خۇدادىن بىر ئىشنى تىلەيدىغان ياكى خۇداغا تەشەككۈر ئېيتماقچى بولغان ئىسرائىللار بەزىدە ئالاھىدە بىر قۇربانلىق قىلىشقا قەسەم ئىچىدۇ، بىراق «خۇداغا ئېسىل مالنى سۇنىمەن» دەپ قەسەم ئىچكەن بۇ «ئالدامچى» ئۇنىڭ ئورنىغا «ناپاك» (قوتۇر، دېغى بار) بىر مالنى ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ.