2
نىنەۋەنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ تەسۋىرلىرى •••• خۇدا نىنەۋەگە قايتىدىن سۆز قىلىدۇ
بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى؛
ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل،
يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!
(چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،
ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى؛
چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى،
ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى).  
بىتچىت قىلغۇچىنىڭ پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى،
ئۇنىڭ باتۇرلىرى پەرەڭدە كىيگۈزۈلدى؛
تەييارلىق كۈنىدە، جەڭ ھارۋىلىرى پولاتنىڭ جۇلاسىدا يالتىراپ كېتىدۇ،
نەيزىلەر ئوينىتىلىدۇ؛
جەڭ ھارۋىلىرى كوچىلاردا گۈلدۈرلىشىپ چېپىشىۋاتىدۇ؛
كەڭ يوللاردا بىر-بىرىگە سوقۇلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ قىياپىتى مەشئەللەردەك بولىدۇ،
ئۇلار چاقماقلاردەك يۈگۈرۈشىدۇ.
سەردار ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ؛
ئۇلار يۈرۈش قىلغىنىدا ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ ماڭىدۇ؛
نىنەۋەنىڭ سېپىلىغا قاراپ ئالدىرايدۇ،
باشلىرىغا بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ.

«دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ،
پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ.

خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ ــ
دۈشمەن تەرىپىدىن يالاپ ئېپكېتىلىدۇ،
دېدەكلىرى خۇددى پاختەكلەرنىڭ ساداسىدەك ئاھ-ئۇھ تارتىپ،
مەيدىلىرىنى ئۇرۇپ كېتىدۇ.
نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك تىنچ بولۇپ كەلدى،
بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ...
ئەي توختا! ئەي توختا!
ــ بىراق ھېچكىم كەينىگە قارىمايدۇ.
كۈمۈشلەرنى بۇلىۋېلىڭلار، ئالتۇنلارنى بۇلىۋېلىڭلار؛
چۈنكى ئۇنىڭ شەۋكەتلىك خەزىنىسىدىكى قىممەت قاچا-قۇچىلىرىنىڭ سانى يوقتۇر.
10 ئۇ قۇرۇقدالغان، ۋەيران قىلىنغان، بەربات بولغان!
يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ،
تىزلىرى بىر-بىرىگە جالاقلاپ تەگمەكتە؛
بەللىرى تولغاق تۇتقاندەك تولغىنىدۇ،
بارلىق يۈزلەر تاتىرىپ كېتىدۇ.
11 قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟
ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي،
شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟
12 شىر ئۆز ئارسلانلىرىنى قاندۇرۇشقا ئوۋلارنى تىتما-تىتما قىلغانىدى،
چىشى شىرلىرى ئۈچۈن ئوۋلارنى بوغقانىدى؛
ئۆڭكۈرلىرىنى ئوۋ بىلەن، ئۇۋىلىرىنى ئولجا بىلەن توشقۇزغانىدى.
13 مانا، مەن ساڭا قارشىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛
مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن؛
قىلىچ ياش شىرلىرىڭنى يەۋاتىدۇ،
ئوۋاڭنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلايمەن؛
ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى قايتا ھېچ ئاڭلانمايدۇ.
 
 
2:1 «بىتچىت قىلىدىغان بىرسى كۆز ئالدىڭغىلا كەلدى» ــ دېمەك، بىرسى سەن نىنەۋەنىڭ ئالدىغا كېلىپ ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. «ئەمدى ئىستىھكام ئۈستىدە كۆزەت قىل، يولغا قارا، بېلىڭنى باغلا، كۈچلىرىڭنى يىغىپ تېخىمۇ كۈچەيت!» ــ بۇ كىنايىلىك، ھەجۋىي گەپ ــ نىنەۋەلىكلەر جەڭگە شۇنچە كۆپ تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى بىكار بولىدۇ. 2:2 «پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئۇنى ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىگە لايىق دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈردى» ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم ئېسىگە كەلتۈرىدۇكى، خۇدا ياقۇپ پەيغەمبەرگە يېڭى ئىسىم قويدى، يەنى «ئىسرائىل» دەپ قويدى. «ياقۇپ»نىڭ مەنىسى «ئالدامچى» ياكى «باشقىنىڭ ئورنىنى باسقۇچى»، «ئىسرائىل»نىڭ مەنىسى «خۇدا بىلەن بىللە بولغان شاھزادە». دېمەك، خۇدا ياقۇپنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا پارلاق كېلەچەك بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابتا، «ياقۇپ» بەزى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلنىڭ «كونا تەبىئىتى»نى، يەنى خۇدا ئۆچ كۆرگەن يامان ئىللەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. «چۈنكى قۇرۇقدىغۇچىلار ئۇلارنى قۇرۇقداپ قويغانىدى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈم تال شاخلىرىنى ۋەيران قىلغانىدى» ــ ئاسۇرىيە ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى كۆپ قېتىم ھەرخىل ئۇسۇل (بۇلاڭچىلىق، جازانىخورلۇق، باج-سېلىق قاتارلىقلار) بىلەن «قۇرۇقداپ قويغانىدى». 2:2 زەب. 80‏:12-13؛ يەش. 10‏:12 2:3 «بىتچىت قىلغۇچىنىڭ پالۋانلىرىنىڭ قالقانلىرى قىزىل بويالدى» ــ «قالقانلىرى قىزىل بويالدى» مۇمكىنچىلىكى باركى، ئاسۇرىيە لەشكەرلىرى جەڭگە تەييارانغىنىدا قالقانلىرىنى قىزىل رەڭدە بوياپ قوياتتى. 2:5 «سەردار ئەمىرلىرىگە ئەمر چۈشۈرىدۇ» ــ «سەردار» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە دۈشمەنلەرنىڭ سەردارىنى كۆرسىتىدۇ (1-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار «ئۇ» ئاسۇرىيە پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئايەت ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ جىددىي مۇداپىئە تەييارلىقى قىلىۋاتقىنىنى كۆرسىتىدۇ. «باشلىرىغا بولسا «مۇھاسىرە قالقىنى» تەييارلىنىدۇ» ــ «مۇھاسىرە قالقىنى» ــ ئەسكەرلەر سېپىلغا ھۇجۇم قىلىپ ئۆرۈمەكچى بولغاندا، باشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باش ئۈستىگە چوڭ بىر قالقاندەك نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «قالقانلىق پوتەي». 2:6 ««دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» ئېچىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ» ــ «دەريالارنىڭ دەرۋازىلىرى» دېگەنلىك نېمە مەنىسى؟ تىگرىس دەرياسىنىڭ تارماق-ئېرىقلىرى نىنەۋە شەھىرىدىن ئۆتەتتى. دەريالار سېپىلدىن ئۆتكەن جايلاردا كېمىلەرنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ھەم باشقا جايلاردا سۇ ئېقىملىرىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن دەرۋازا-تاقاقلار بېكىتىلگەنىدى. دەل نىنەۋە شەھىرى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان چاغدا دەريا تېشىپ، ئۇنىڭ تاشقى سېپىلىنىڭ 3 كىلومېترلىق قىسمىنى ئېقىتىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بابىل قوشۇنى بۆسۈپ كىرىپ، ئاندىن ئىچكى سېپىلغا ھۇجۇم قىلىشقا كىرىشتى. «پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئېرىپ كېتىدۇ» ــ بەلكىم پادىشاھ ھەم ئوردىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى قورقۇنچتىن ئېرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. پادىشاھ بارلىق بايلىقلىرىنى يوغان بىر گۈلخان قىلىپ، ئۆزى ۋە كېنىزەكلىرىنى گۇلخاننىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋالدى. بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى جىسمانىي تەرەپتىن: «ئوردا (دەريا ئېقىمى بىلەن) ئېقىپ كېتىدۇ» دەپ چۈشىنىدۇ. 2:7 «خۇززابنىڭ بولسا ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ» ــ «خۇززاب» بولسا بەلكىم نىنەۋە خانىشىنىڭ ئىسمى (بۇ ئىسىم ئۇلارنىڭ بىر ئايال بۇتىنىڭ ئىسمى، يەنى «ئىشتار» دېگەن ئىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك). پادىشاھ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋالغىنى بىلەن خانىش ئۆزى تىرىك قېلىپ رەسۋا قىلىنىپ، دېدەكلىرى بىلەن قۇللۇققا ئەۋەتىلىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بار ــ «مانا بۇ شۇنداق بېكىتىلگەندۇر، ــ ئۇنىڭ (نىنەۋە شەھىرىنىڭ) ئۇياتلىرى ئېچىلىدۇ...». 2:8 «نىنەۋە ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى كۆل سۈيىدەك تىنچ بولۇپ كەلدى، بىراق ئۇلار ھازىر قېچىپ كېتىدۇ...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «نىنەۋە بىر كۆل سۈيىدەكتۇر، بىراق ھازىر سۇلىرى يوقاپ كېتىدۇ...». 2:10 قان. 1‏:28؛ 20‏:8؛ يە. 2‏:11؛ 5‏:1؛ 7‏:5؛ يەش. 13‏:7، 8؛ 21‏:3؛ ئ‍ەز. 21‏:12. 2:11 «قېنى، شىرلارنىڭ ئۇۋىسى؟ ياش شىرلار ئوزۇقلىنىدىغان جاي، شىر، چىشى شىر، شىر ئارسلىنى ھېچكىمدىن قورقماي يۈرگەن جاي قېنى؟» ــ شىر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ سىمۋولى ئىدى. 2:13 «مەن سېنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ئىس-تۈتەككە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرىۋېتىمەن».