10
كۈمۈش كاناي چېلىنىش ۋاقىتلىرى
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
سەن ئۆزۈڭگە ئىككى كاناي ياساتقىن؛ ئۇلارنى كۈمۈشتىن سوقتۇر. ئۇلار جامائەتنى يىغىشقا، شۇنداقلا جامائەتنى بارگاھلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى كاناي چېلىنغاندا پۈتكۈل جامائەت سېنىڭ يېنىڭغا جامائەت چېدىرى دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىدىغان بولسۇن. ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن. سىلەر قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا كۈن چىقىش تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن. ئاندىن سىلەر ئىككىنچى قېتىم قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالغاندا جەنۇب تەرەپتىكى بارگاھلار يولغا چىقسۇن؛ ئۇلار يولغا چىققان چاغدا كاناي قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىنىشى كېرەكتۇر.
جامائەتنى يىغىلىشقا چاقىرىدىغان چاغدا، كاناي چېلىڭلار، ئەمما قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چالماڭلار؛ ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى، كاھىن بولغانلار كانايلارنى چالسۇن؛ بۇلار سىلەرگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولسۇن. ئەگەر سىلەر ئۆز زېمىنىڭلاردا سىلەرگە زۇلۇم سالغان دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقساڭلار، قاتتىق، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ياد ئېتىلىپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلىسىلەر.
سىنايدىن يولغا چىقىش تەرتىپى
10 بۇنىڭدىن باشقا، خۇشال كۈنلىرىڭلاردا، بېكىتىلگەن ھېيتلىرىڭلاردا ۋە ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرىدە، سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغىنىڭلاردا، قۇربانلىقلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن كانايلار سىلەرنى خۇدايىڭلارغا ئەسلەتكۈچى بولىدۇ؛ مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
 
11 ئىككىنچى يىلى، ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى بۇلۇت ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلدى؛ 12 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائ‍ىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى. 13 بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. 14 يەھۇدا بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ ئالدى بىلەن يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون ئىدى. 15 ئىسساكار قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل ئىدى. 16 زەبۇلۇن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب ئىدى. 17 ئاندىن ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ، گەرشوننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
18 رۇبەن بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئىدى. 19 شىمېئون قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل ئىدى. 20 گاد قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. 21 ئاندىن كوھاتلار مۇقەددەس بۇيۇملارنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى؛ ئۇلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرگۈچىلەر كېلىپ ئۇنى تىكلەپ قويۇشقانىدى.
22 ئەفرائىم بارگاھى ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئىدى. 23 ماناسسەھ قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل ئىدى. 24 بىنيامىن قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئىدى.
25 دان بارگاھى ھەممە بارگاھلارنىڭ ئارقا مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يولغا چىقتى؛ قوشۇننىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر ئىدى. 26 ئاشىر قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل ئىدى. 27 نافتالى قەبىلىسى قوشۇنىنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا ئىدى.
28 بۇلار ئىسرائ‍ىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى.
 
مۇسانىڭ قېينئاكىسى ھوبابقا بولغان تەلىپى
29 مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: — بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، — دېدى.
30 لېكىن ھوباب مۇساغا: — ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، — دېدى.
31 مۇسا ئۇنىڭغا: بىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسىلە؛ چۈنكى سىلى چۆلدە قانداق بارگاھ قۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىلا، سىلى بىزگە كۆز بولۇپ بەرسىلە. 32 شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! — دېدى.
33 ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى.
34 ئۇلار چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقىدىغان چاغلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولاتتى. 35 ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى. 36 ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى.
 
 
10:5 «قاتتىق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاگاھ ئاۋازى بىلەن». 10:8 «بۇلار» ــ كانايلار ئۆزلىرى. 10:11 «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» ــ مۇشۇ يەردە «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» خۇدانىڭ ئىسرائىلغا ئاتا قىلغان تۈپ ئەمرلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل بىلەن بولىدىغان ئەھدىسىنى كۆرسىتىدۇ («مىس.» 20-بابنى كۆرۈڭ). خۇدانىڭ مۇقەددەس ماھىيىتى ۋە خاراكتېرى شۇ ئەمرلەردە ئايان قىلىنغاچقا، ئۇنىڭ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق»ى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇ ئەمرلەر «ئەھدە ساندۇقى» ئىچىدە ساقلاقلىق تاش تاختايلار ئۈستىگە پۈتۈلگەن («مىس.» 20:40نى كۆرۈڭ). 10:14 چۆل. 1‏:7؛ 2‏:3 10:21 چۆل. 4‏:4 10:35 زەب. 68‏:1-2