12
مەرىيەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارا چاپلىغانلىقى
مەرىيەم بىلەن ھارۇن مۇسانىڭ ھەبەشلىك قىزنى خوتۇنلۇققا ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلدى ‹چۈنكى ئۇ ھەبەشلىك بىر قىزنى ئالغانىدى›. ئۇلار: — پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ — دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى. مۇسا دېگەن بۇ ئادەم ئىنتايىن كەمتەر-مۆمىن ئادەم بولۇپ، بۇ تەرەپتە يەر يۈزىدىكىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى.
پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: — سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، — دېدى.
ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى.
ئاندىن پەرۋەردىگار ئەرشتىن بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە چۈشۈپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا توختاپ، ھارۇن بىلەن مەريەمنى قىچقىرىۋىدى، ئۇلار ئالدىغا كەلدى.
ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن. لېكىن قۇلۇم مۇساغا نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس؛ ئۇ بارلىق ئائىلەم ئىچىدە تولىمۇ سادىقتۇر؛ مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ — دېدى.  
مەريەمنىڭ ماخاۋ بولۇپ قالغانلىقى
پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى ۋە ئۇ كېتىپ قالدى.
 
10 شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرى ئۈستىدىن كەتتى، ۋە مانا، مەريەم خۇددى ئاپئاق قاردەك پېسە-ماخاۋ بولۇپ كەتتى؛ ھارۇن بۇرۇلۇپ مەريەمگە قارىۋىدى، مانا، ئۇ پېسە-ماخاۋ بولۇپ قالغانىدى. 11 ھارۇن مۇساغا: —
ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن. 12 ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! — دېدى.
13 شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: — ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، — دەپ نىدا قىلدى.
14 پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى.
15 شۇنىڭ بىلەن مەريەم بارگاھ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلدى، تاكى مەريەم قايتىپ كەلگۈچە خەلق يولغا چىقماي تۇرۇپ تۇردى. 16 ئاندىن كېيىن خەلق ھازىروتتىن يولغا چىقىپ، پاران چۆلىدە بارگاھ قۇردى.
 
 
12:1 «ھەبەشلىك» ــ «ئېفىئوپىيەلىك» دېگەننىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. تېكىستتە، مۇسانىڭ بىرىنچى ئايالى بولغان زىپپوراھنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى توغرۇلۇق خەۋەر بېرىلمەيدۇ. 12:8 «يۈزمۇ يۈز» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئېغىزمۇ ئېغىز». 12:8 مىس. 33‏:11؛ قان. 34‏:10 12:14 «ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ سۆزلەر ئىبرانىيلار ئارىسىدىكى قەدىمكى بىر ئۆرپ-ئادەتنى كۆرسەتسە كېرەك.