19
قىزىل سىيىرنىڭ كۈلى
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.
كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن. ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن. كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن. ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر. 10 سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائ‍ىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ.
 
خەلقنى ناپاكلىقتىن پاكلاش نىزامى
11 ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 12 ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى ئاشۇ سۇ بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ. 13 ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ.
14 ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. 15 ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ. 16 شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ. 17 كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن. 18 ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن. 19 ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ.
20 لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ. 21 بۇ ئىسرائ‍ىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. 22 ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
 
 
19:3 ئىبر. 13‏:11، 12 19:4 ئىبر. 9‏:13 19:5 مىس. 29‏:14؛ لاۋ. 4‏:11، 12 19:6 «قىزىل رەختنى» ــ ياكى «قىزىل يىپنى». 19:11 چۆل. 31‏:19؛ ھاگ. 2‏:13 19:12 «ئىزاھات» ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى ئەنە شۇنداق (ناپاكلىقنى چىقارغۇچى) سۇ بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، يەتتىنچى كۈنى ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، يەتتىنچى كۈنى پاك سانالمايدۇ». 19:18 زەب. 51‏:7