31
مىدىيانلارغا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
سەن مىدىيانلاردىن ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىنتىقامىنى ئال، ئاندىن ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن، — دېدى.
مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: — ئاراڭلاردىن جەڭگە چىقىشقا بىر تۈركۈم ئادەملەرنى قوراللاندۇرۇڭلار؛ ئاندىن ئۇلار مىدىيانلاردىن پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشقا ئاتلانسۇن. سىلەر ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىدىن جەڭ قىلىشقا مىڭدىن ئادەم ماڭدۇرۇڭلار.
شۇنىڭ بىلەن تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەر قەبىلىسىدىن مىڭدىن، جەمئىي ئون ئىككى مىڭ ئادەم جەڭ قىلىشقا قوراللاندۇرۇلدى. مۇسا ھەر قەبىلىدىن مىڭدىن ئادەمنى جەڭ قىلىشقا ماڭدۇردى ھەمدە ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاسنى ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدۇردى، فىنىھاسنىڭ قولىدا مۇقەددەس ئەسۋابلار ۋە ئاگاھ كاناي بار ئىدى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن باشقا، يەنە مىدىياننىڭ ئەۋى، رەكەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا دېگەن بەش پادىشاھىنى ئۆلتۈردى؛ يەنە بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنى قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى. ئىسرائ‍ىللار مىدىيانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى، يەنە ئۇلارنىڭ پۈتۈن چارۋا ماللىرى، قوي پادىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلدى؛ 10 ئۇلار تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى بارلىق شەھەر ۋە بارلىق بارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى؛ 11 ئۇلار ئادەم بولسۇن مال بولسۇن بارلىق غەنىيمەت، بارلىق ئولجىنى ئېلىپ كەتتى؛ 12 ئۇلار تۇتقان ئەسىرلەرنى ھەم ئولجا-غەنىيمەتنى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىگە، ئىئوردان دەرياسى بويىغا جايلاشقان يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدىكى بارگاھقا ئەكىلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازارغا، شۇنداقلا ئىسرائ‍ىللارنىڭ جامائىتىگە تاپشۇردى. 13 مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ بارلىق ئەمىرلىرى بارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئالدى.
14 لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتقان ھەربىي سەردارلارغا، يەنى مىڭبېشى، يۈزبېشىلارغا خاپا بولۇپ: —
15 سىلەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇردۇڭلارمۇ؟ 16 قاراڭلار، دەل شۇلار بالائامنىڭ ھىيلە-مەسلىھەتى بىلەن پېئوردىكى ئىشتا ئىسرائ‍ىللارنى پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟   17 ئەمدى سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. 18 بىراق ياش قىزلار، يەنى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلەرنى بولسا، ئۆزلىرىڭلارغا تىرىك قالدۇرۇڭلار.
19 سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن؛ سىلەر ۋە سىلەر ئەسىر قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلسۇن. 20 بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى.
21 كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە:
— مانا پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە: 22 ئالتۇن، كۈمۈش، مىس. تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق 23 ئوتقا چىداملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پاك ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ، يەنىلا «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» بىلەن پاكىزلاڭلار؛ ئوتقا چىدامسىز نەرسىلەرنى شۇ سۇدىن ئۆتكۈزۈڭلار. 24 يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇڭلار، ئاندىن سىلەر پاك ھېسابلىنىسىلەر؛ ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرسەڭلار بولىدۇ، — دېدى.
 
جەڭ غەنىيمەتلىرىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى
25 پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: —
26 سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛ 27 ئولجا-غەنىيمەتنى ئىككىگە بۆل، يېرىمىنى جەڭگە چىققانلارغا بەر، قالغان يېرىمىنى بارلىق جامائەتكە بەر. 28 سەن يەنە چىقىپ جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەر ئالىدىغان ئادەم، كالا، ئېشەك ياكى قوي پادىلىرىدىن بەش يۈزدىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۈلۈش بولسۇن دەپ ئايرىغىن؛ 29 سىلەر شۇنى لەشكەرلەرگە تەۋە بولغان يېرىمىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇڭلار. 30 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمىنىڭ ئادەم، كالا، ئېشەك، قوي پادىلىرى، شۇنداقلا ھەرخىل ھايۋانلاردىن ئەللىكتىن بىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
31 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى.
32 ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ، 33 كالا يەتمىش ئىككى مىڭ، 34 ئېشەك ئاتمىش بىر مىڭ، 35 ئەركەكلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەن قىزلار ئوتتۇز ئىككى مىڭ چىقتى. 36 جەڭگە چىققانلارنىڭ ئۈلۈشى، يەنى ئۇلارغا تەۋە يېرىمى، قوي جەمئىي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز؛ 37 بۇ قوي پادىلىرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئالتە يۈز يەتمىش بەش بولدى؛ 38 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى يەتمىش ئىككى بولدى. 39 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئاتمىش بىر بولدى. 40 ئادەم ئون ئالتە مىڭ چىقتى، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارغا ئاتالغىنى ئوتتۇز ئىككى ئادەم بولدى. 41 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئۈلۈشنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇرۇپ بەردى.
42 ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان يېرىمى، يەنى مۇسا جەڭگە چىقىپ كەلگەنلەردىن ئېلىپ بۆلۈپ بەرگىنى — 43 جامائەتكە تەۋە بولغان شۇ يېرىمى — قوي ئۈچ يۈز ئوتتۇز يەتتە مىڭ بەش يۈز، 44 كالا ئوتتۇز ئالتە مىڭ، 45 ئېشەك ئوتتۇز مىڭ بەش يۈز، 46 ئادەم ئون ئالتە مىڭ ئىدى. 47 مۇسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنى بويىچە، ئىسرائ‍ىللارغا تەۋە بولغان شۇ يېرىمىنىڭ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن، ئەللىكتىن بىرىنى ئايرىپ ئېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا تاپشۇردى.
48 پۈتكۈل قوشۇننىڭ سەردارلىرى، مىڭ بېشى، يۈز بېشىلىرى مۇسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، 49 مۇساغا: — خىزمەتكارلىرىنىڭ قول ئاستىدا جەڭ قىلغان لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى ساناقتىن ئۆتكۈزسەك بىرىمۇ كەم چىقمىدى. 50 شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى.
51 شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئۇلار ئەكەلگەن ئالتۇنلارنى، يەنى ئالتۇندا ياسالغان ھەرخىل بۇيۇملارنى ئالدى. 52 ئۇلارنىڭ مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىدىن ئالغىنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇلدى؛ بارلىق ئالتۇن جەمئىي ئون ئالتە مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك شەكەل چىقتى 53 ‹لەشكەرلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈكنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقانىدى›. 54 مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار مىڭ بېشى ۋە يۈز بېشىلىرىنىڭ قولىدىن ئالتۇننى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن يادنامە قىلدى.
 
 
31:2 چۆل. 25‏:17؛ 27‏:13 31:6 «مۇقەددەس ئەسۋابلار» ــ نېمە ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» بولۇشى مۇمكىن. «ئاگاھ كاناي» بەلكىم 2:10دە تىلغا ئېلىنغان ئىككى كاناي ئىدى. 31:7 «مىدىيانلار بىلەن سوقۇشقىلى چىقىپ، ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى» ــ پەرۋەردىگارنىڭ مىدىيانلار توغرۇلۇق بۇ بۇيرۇقى 16:25-18دىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. «ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى» ــ جەڭگە قاتناشقان ئەركەكلەر، ئەلۋەتتە. 31:8 يە. 13‏:21، 22 31:11 قان. 20‏:14 31:16 « مىدىيانلىق ئاياللار ...ئىسرائ‍ىللارنى... گۇناھقا پاتقۇزۇشى بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە ۋابا ياغدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟» ــ بۇ ۋابا توغرۇلۇق 1:25-3نى كۆرۈڭ. 31:16 چۆل. 25‏:1، 2، 18؛ 2پېت. 2‏:15؛ ۋەھ. 2‏:14 31:17 ھاك. 21‏:11 31:18 «ياش قىزلار» ــ ياكى «قىز بالىلار». 31:19 «سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار... ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن» ــ ياكى «ھەركىم ئادەم ئۆلتۈرگەن ۋە ئۆلۈككە تەگكەن بولسا، سىلەر بارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن چېدىر تىكىپ تۇرۇڭلار؛ ھەركىم ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىسۇن». 31:23 چۆل. 19‏:9 31:27 1سام. 30‏:24 31:41 چۆل. 18‏:19،8 31:53 قان. 20‏:14