29
1 قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى،
تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
2 ھەققانىيلار گۈللەنسە، پۇقرالىرى شادلىنار،
قەبىھلەر ھوقۇق تۇتسا پۇقرا نالە-پەرياد كۆتۈرەر. ◘
3 دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل ئاتىسىنى خۇش قىلار؛
بىراق پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار. ◘
4 پادىشاھ ئادالەت بىلەن يۇرتىنى تىنچ قىلار؛
بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا، ئۇنى ۋەيران قىلار. ◼
5 ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى،
ئۇنىڭ پۇتلىرىغا تور تەييارلاپ قويغاندۇر.
6 رەزىل ئادەمنىڭ گۇناھى ئۆزىگە قاپقان ياساپ قۇرار؛
بىراق ھەققانىي كىشى ناخشىلار بىلەن شادلىنار.
7 ھەققانىي كىشى مىسكىننىڭ دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈر؛
بىراق يامانلار بولسا بۇ ئىشنى چۈشەنمەس. ◘
8 ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛
بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
9 دانا كىشى ئەخمەق بىلەن دەۋالاشسا،
ئەخمەق ھۈرپىيىدۇ ياكى كۈلىدۇ، نەتىجىسى ھامان تىنچلىق بولماس.
10 قانخورلار پاك-دىيانەتلىكلەرگە نەپرەتلىنەر؛
دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر. ◼
11 ئەخمەق ھەردائىم ئىچىدىكى ھەممىنى ئاشكارا قىلار؛
بىراق دانا ئۆزىنى بېسىۋالار. ◘
12 ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا،
ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى يامان ئۆگەنمەي قالماس.
13 گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار؛
ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزىنى نۇرلاندۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. ◼  ◘
14 يوقسۇللارنى دىيانەت بىلەن سورىغان پادىشاھنىڭ بولسا،
تەختى مەڭگۈگە مەھكەم تۇرار. ◘
15 تاياق بىلەن تەنبىھ-نەسىھەت بالىلارغا دانالىق يەتكۈزەر؛
بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئانىسىنى خىجالەتكە قالدۇرار. ◘
16 يامانلار گۈللىنىپ كەتسە، ناھەقلىك كۆپىيەر؛
لېكىن ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر. ◘
17 ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئۇ سېنى ئارام تاپقۇزار؛
ئۇ كۆڭلۈڭنى سۆيۈندۈرەر. ◘
18 پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى بولمىغان ئەلنىڭ پۇقرالىرى يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار؛
لېكىن تەۋرات-قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى بەختلىكتۇر. ◼
19 قۇلنى سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس؛
ئۇ سۆزۈڭنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئېتىبار قىلماس.
20 ئاغزىنى باسالمايدىغان كىشىنى كۆرگەنمۇ؟
ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن، ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتۈش ئەۋزەلدۇر. ◘
21 كىمكى ئۆز قۇلىنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە،
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار. ◼
22 تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛
ئاسان غەزەپلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر. ◘
23 مەغرۇرلۇق كىشىنى پەس قىلار،
بىراق كەمتەرلىك كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەر. ◘
24 ئوغرى بىلەن شېرىك بولغان كىشى ئۆز جېنىغا دۈشمەندۇر؛
ئۇ سوراقچىنىڭ گۇۋاھ بېرىشكە ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس. ◼  ◘
25 ئىنسان بالىسىدىن قورقۇش ئادەمنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ؛
بىراق كىمكى پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، ئۇ بىخەتەر كۆتۈرۈلەر. ◼
26 كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن ئىلتىپات ئىزدەپ يۈرەر؛
بىراق ئادەمنىڭ ھەق-رىزقى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭلا قولىدىدۇر. ◘
27 ناھەقلەر ھەققانىيلارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
دۇرۇس يولدا ماڭغان كىشىلەر يامانلارغا يىرگىنچلىكتۇر.
 
 
◘ 29:2 پەند. 11‏:10؛ 28‏:12،28 ◘ 29:3 پەند. 10‏:1؛ 15‏:20؛ 28‏:7؛ لۇقا 15‏:13 ◼ 29:4 «بىراق باج-سېلىق سالغان بولسا،...» ــ ياكى «بىراق پارىخور بولسا،..». ◘ 29:7 ئايۇپ 29‏:16 ◼ 29:10 «دۇرۇسلارنىڭ جېنىنى بولسا، ئۇلار قەستلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالار». ◘ 29:11 پەند. 14‏:33 ◼ 29:13 «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر زېمىندا ياشار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «گاداي بىلەن ئۇنى ئەزگۈچى كىشى بىر-بىرىگە يولۇقار». ◘ 29:13 پەند. 22‏:2 ◘ 29:14 پەند. 20‏:28؛ 25‏:5 ◘ 29:15 پەند. 10‏:1؛ 13‏:24؛ 17‏:21،25؛ 22‏:15؛ 23‏:13 ◘ 29:16 زەب. 37‏:36؛ 58‏:10-11؛ 91‏:8 ◘ 29:17 پەند. 13‏:24؛ 22‏:15؛ 23‏:13،14 ◼ 29:18 «يولدىن چىقىپ باشپاناھسىز قالار» ــ بۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلەنگەن. ◘ 29:20 پەند. 26‏:12 ◼ 29:21 «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بېشىغا چىقار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئاخىردا ئۇ (قۇل) ئۆزىگە پەرزەنتتەك بولۇپ چىقار». ◘ 29:22 پەند. 15‏:18؛ 26‏:21 ◘ 29:23 ئايۇپ 22‏:29؛ پەند. 15‏:33؛ 18‏:12؛ يەش. 66‏:2؛ مات. 23‏:12؛ لۇقا 14‏:11؛ 18‏:14؛ ياق. 4‏:6،10؛ 1پېت. 5‏:5 ◼ 29:24 «...راست گەپ قىلىشقا پېتىنالماس» ــ «لاۋ.» 1:5نى كۆرۈڭ. ◘ 29:24 لاۋ. 5‏:1 ◼ 29:25 «بىخەتەر كۆتۈرۈلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ◘ 29:26 پەند. 19‏:6