5
بۇزۇقچىلىق-پاھىشىۋازلىقنىڭ ئاقىۋىتى بالايىئاپەتتۇر، سادىقلىقنىڭ نەتىجىسى بەخت-سائادەتتۇر
1 ئى ئوغلۇم، دانالىقىمغا كۆڭۈل قويغىن،
ئىدراكلىق سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن.
2 شۇنداق قىلغىنىڭدا ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن قارايدىغان بولىسەن،
لەۋلىرىڭ پەم-پاراسەتتىن ئايرىلمايدۇ.
3 چۈنكى بۇزۇق خوتۇننىڭ ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ،
لەۋلىرى زەيتۇن يېغىدىن سىلىقتۇر؛ ◘
4 لېكىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى كەكرىدەك ئاچچىق،
ئىككى بىسلىق قىلىچتەك ئۆتكۈر.
5 ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆلۈم گىرداۋىغا ئېلىپ بارىدۇ،
تۇتقان يولى گۆرگە باشلايدۇ. ◼  ◘
6 ھاياتلىق يولىنى قىلچە بىلگۈم يوق دەپ،
باسقان قەدەملىرى تۇراقسىز بولىدۇ،
نەگە بارىدىغانلىقىنى ھېچ بىلمەيدۇ.
7 شۇڭا، ئى ئوغۇللىرىم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار،
مېنىڭ دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار.
8 ئۇنداق خوتۇندىن يىراق قاچ!
ئىشىكى ئالدىغىمۇ يېقىن يولىما!
9 بولمىسا، ئىززەت-ئابرۇيۇڭنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويىسەن،
ياشلىق يىللىرىڭنى رەھىمسىزلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىسەن! ◘
10 يات ئادەملەر بايلىقلىرىڭ بىلەن ئۆزىنى تولدۇرىدۇ،
جاپالىق ئەجىرلىرىڭنىڭ مېۋىسى ياقا يۇرتلۇقنىڭ ئۆيىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ؛
11 ئەجىلىڭدە نالە-پەرياد كۆتۈرگىنىڭدە،
ئەزايى-بەدىنىڭ يەم بولغاندا،
12 شۇ چاغدا سەن: ــ «ئاھ، نەسىھەتلەردىن نېمانچە نەپرەتلەنگەندىمەن!
كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى نېمانچە كەمسىتكەندىمەن!
13 نېمىشقا ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟
ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟
14 جەمئىيەتتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ دەپ قالىسەن. ◼
 
15 ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇنى ئىچكىن،
ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان. ◼
16 بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟
ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسە بولامدۇ؟
17 بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن،
يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن! ◼
18 بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!
ياشلىقىڭدا ئالغان خوتۇنۇڭ بىلەن ھۇزۇرلان. ◼
19 ئۇ چىشى كېيىكتەك چىرايلىق! جەرەندەك سۆيۈملۈك!
ئۇنىڭ باغرىدىن ھەمىشە قانائەتتە بولغايسەن،
ئۇنىڭ قايناق مۇھەببىتىدىن دائىم خۇشاللىققا پاتقايسەن. ◼
20 ئى ئوغلۇم، نېمىشقا يات ئايالغا شەيدا بولىسەن؟
نېمىشقا يوچۇن خوتۇننىڭ قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتىسەن؟
21 چۈنكى ئىنساننىڭ ھەممە قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىدۇر،
ئۇ ئۇنىڭ ھەممە ماڭغان يوللىرىنى تارازىغا سېلىپ تۇرىدۇ. ◘
22 يامان ئادەمنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرى ئۆزىنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ،
ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا ئېلىنىدۇ.
23 ئۇ يوليورۇقتىن مەھرۇم بولغانلىقىدىن جېنىدىن ئايرىلىدۇ،
چېكىدىن ئاشقان ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ.
 
 
◘ 5:3 پەند. 2‏:16؛ 6‏:24 ◼ 5:5 «گۆر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شېئول»، يەنى «تەھتىسارا» دېيىلىدۇ، ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان يەر. ◘ 5:5 پەند. 7‏:27 ◘ 5:9 پەند. 6‏:34،35 ◼ 5:14 «ھەرخىل نومۇسقا قالغاندەك بولدۇم!» ــ ياكى «پۈتۈنلەي زاۋاللىققا چۈشكەندەكمەن!». ◼ 5:15 «ئۆزۈڭنىڭ كۆلچىكىڭدىكى سۇ...، ئۆز بۇلىقىڭدىن ئېقىۋاتقان سۇدىن ھۇزۇرلان» ــ شۈبھىسىزكى، ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ. ◼ 5:17 «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسە بولامدۇ؟ ... بۇلار ساڭىلا خاس بولسۇن، يات كىشىلەرگە تەگمىسۇن!» ــ 16-17-ئايەتلەر شۈبھىسىزكى، كۆچمە مەنىدە. بىزنىڭچە كۆچمە مەنىسى: «ئىشقى مۇھەببەتلىرىڭنى يات ئايالغا بەرمە، پەقەت ئۆز جوراڭغىلا بېغىشلا؛ بولمىسا ئىنتايىن نومۇس ئىش بولىدۇ، رەستە-كوچىلاردا رەسۋا بولىسەن» دېگەندەك بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار مۇشۇ ئايەتتىكى «سۇلار» بالىلارنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراپ، مۇنداق تەرجىمە قىلىدۇ: ــ «بۇلاقلىرىڭ ئۇرغۇپ ھەر يەرگە تارقىلىپ كەتسۇن، ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار كوچىلاردا ئېقىپ يۈرسۇن (دېمەك، «پەرزەنتلىرىڭ ئۇرغۇغان بۇلاقلاردەك ھەر يەرگە تارقالسۇن!»)؛ پەقەتلا ساڭىلا خاس بولسۇن، يات ئايالدىن بولغان بولمىسۇن!». ◼ 5:18 «بۇلىقىڭ بەخت-بەرىكەتلىك بولغاي!» ــ «بۇلىقىڭ» مۇشۇ ئايەتتە «ئۆز ئايالىڭ»نى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ. ◼ 5:19 «ئۇنىڭ باغرىدىن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئەمچەكلىرىدىن...». ◘ 5:21 2تار. 16‏:9؛ ئايۇپ 31‏:4؛ 34‏:21؛ پەند. 15‏:3؛ يەر. 16‏:17؛ 32‏:19