102
102-كۈي
ئېزىلگەننىڭ دۇئاسى: ئۇ ھالىدىن كەتكەندە، داد-پەريادىنى پەرۋەردىگار ئالدىغا تۆككەندە: ــ
 
دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
پەريادىم ئالدىڭغا يېتىپ كىرسۇن!
يۈزۈڭنى مەندىن قاچۇرمىغايسەن؛
قىسىلغان كۈنۈمدە ماڭا قۇلاق سالغايسەن؛
مەن نىدا قىلغان كۈندە، ماڭا تېز جاۋاب بەرگىن!
مانا، كۈنلىرىم ئىس-تۈتەكتەك تۈگەپ كېتىدۇ،
ئۇستىخانلىرىم ئوتۇن-چوغلارغا ئوخشاش كۆيدى!
يۈرىكىم زەخمە يەپ چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتى،
ھەتتا نېنىمنى يېيىشنى ئۇنتۇدۇم.
مەن ئاھۇ-زار تارتقانلىقىمدىن،
ئەتلىرىم سۈڭەكلىرىمگە چاپلىشىپ قالدى.
چۆل-باياۋاندىكى ساقىيقۇشتەك،
ۋەيرانچىلىقتا قونۇپ يۈرگەن ھۇۋقۇشقا ئوخشايمەن.
ئۇخلىماي سەگەك تۇرۇپ كۆزەتتىمەن؛
ئۆگزىدە يالغۇز قالغان قۇشقاچ كەبىمەن.
دۈشمەنلىرىم كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلماقتا،
مېنى ھاقارەتلىگەنلەر ئىسمىمنى لەنەت ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.
9‏-10 قەھرىڭ ھەم ئاچچىقىڭ تۈپەيلىدىن،
كۈلنى نان دەپ يەۋاتىمەن،
ئىچىملىكىمنى كۆز يېشىم بىلەن ئارىلاشتۇرىمەن؛
چۈنكى سەن مېنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن يەرگە ئۇردۇڭ.
11 كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى،
ئۆزۈم بولسام چۆپلەر خازان بولغاندەك قۇرۇپ كەتتىم.
12 لېكىن سەن، پەرۋەردىگار، ئەبەدىي تۇرىسەن،
سېنىڭ نام-شۆھرىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.
13 سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن،
زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛
چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى،
ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى!
14 چۈنكى قۇللىرىڭ ئۇنىڭ تاشلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپىدۇ،
ھەم تۇپرىقىغىمۇ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛
15 ئەللەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن،
يەر يۈزىدىكى شاھلار شان-شەرىپىڭدىن ئەيمىنىدۇ.
16 مانا، پەرۋەردىگار زىئوننى قايتىدىن قۇرغاندا،
ئۇ ئۆز شان-شەرىپىدە كۆرۈنىدۇ!
17 ئۇ غېرىب-مىسكىننىڭ دۇئاسىغا ئېتىبار بېرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز كەمسىتمەيدۇ.
18 بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ؛
19‏-20 چۈنكى ئۇ ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاي دەپ،
ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ئازاد قىلاي دەپ،
ئېگىزدىكى مۇقەددەس جايىدىن ئېڭىشىپ نەزەر سالدى،
ئەرشلەردىن پەرۋەردىگار يەرگە قارىدى؛
21‏-22 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولايلى دېگەندە،
يەنى ئەل-مەملىكەتلەر جەم يىغىلغان ۋاقتىدا ــ
پەرۋەردىگارنىڭ نامى زىئوندا،
ئۇنىڭ شەرەپلىرى يېرۇسالېمدا جاكارلىنىدۇ!
 
23 بىراق ئۇ مېنى يولدا ماغدۇرسىزلاندۇرۇپ،
كۈنلىرىمنى قىسقارتتى.
24 مەن: «تەڭرىم، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا مېنى ئېلىپ كەتمە!» ــ دېدىم.
ــ «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر،
25 سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن،
ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛
26 ئۇلار يوق بولۇپ كېتىدۇ،
بىراق سەن داۋاملىق تۇرىۋېرىسەن؛
ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛
ئۇلارنى كونا تون كەبى ئالماشتۇرساڭ،
شۇندا ئۇلار كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك يەڭگۈشلىنىدۇ.
27 بىراق سەن ئۆزگەرمىگۈچىدۇرسەن،
يىللىرىڭنىڭ تامامى يوقتۇر.
28 قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ،
ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!».
 
 
102:3 زەب. 37‏:20 102:11 «كۈنلىرىم قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقۇلاي دەپ قالدى» ــ «قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك» ــ قۇياش پاتقاندا، كۆلەڭگىلەر ئۇزىراپ، ئاندىن تۇيۇقسىز غايىپ بولىدۇ. 102:18 «بۇلار كەلگۈسى بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە يارىتىلىدىغان بىر خەلق ياھنى مەدھىيەلەيدۇ» ــ «زەب.» 30:22-31نى، «يەش.» 10:53نى كۆرۈڭ. 102:24 «سېنىڭ يىللىرىڭ دەۋردىن دەۋرگىچىدۇر...» ــ 24-28-ئايەتلەردىكى سۆزلەرنى («سېنىڭ يىللىرىڭ...» دېگەن سۆزلەردىن باشلاپ) خۇدانىڭ قۇلىنىڭ خۇداغا ئېيتقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇلىنىڭ ئىلتىجاسىغا بەرگەن جاۋابى دەپ قارايمىز. ئايەتلەرنىڭ باغلىنىش جەھەتلىرىدىن شۇنداق قارىدۇق. كونا گرېكچە تەرجىمىسىدىكى (LXXدىكى) قاراشمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇ سۆزلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھكە ئېيتىلغان، دەپ قارايمىز. ئىنجىل، «ئىبر.» 1-بابنىمۇ كۆرۈڭ. (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە، گرېك ئىمپېرىيەسىدە تارىلىپ كەتكەن كۆپ يەھۇدىيلار ئىبرانىي تىلىنى بىلمەيتتى. ئۇلار تەۋراتنى ئوقۇيالمىغاچقا، شۇ چاغدا ئۇلارنى دەپ، تەۋراتنىڭ بىر گرېكچە تەرجىمىسى ئىشلەنگەن. بۇ تەرجىمە «سەپتۇئاگىنت» دېيىلىدۇ («قىسقىچە «LXX»)).