104
104-كۈي •••• خۇدانىڭ ياراتقانلىقىدىن ھۇزۇرلىنىش
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر، ئى جېنىم!
ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئىنتايىن ئۇلۇغسەن؛
شانۇ-شەۋكەت ۋە ھەيۋەت بىلەن كىيىنگەنسەن؛
لىباس بىلەن پۈركەنگەندەك يورۇقلۇققا پۈركەنگەنسەن،
ئاسمانلارنى چېدىر پەردىسى كەبى يايغانسەن.
ئۇ يۇقىرىقى راۋاقلىرىنىڭ لىملىرىنى سۇلارغا ئورناتقان،
بۇلۇتلارنى جەڭ ھارۋىسى قىلىپ،
شامال قاناتلىرى ئۈستىدە ماڭىدۇ؛
ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار،
خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.
يەرنى ئۇ ئۇللىرى ئۈستىگە ئورناتقان؛
ئۇ ئەسلا تەۋرىنىپ كەتمەيدۇ.
لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن،
سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى.
سېنىڭ تەنبىھىڭ بىلەن سۇلار بەدەر قاچتى،
گۈلدۈرماماڭنىڭ ساداسىدىن ئۇلار تېزدىن ياندى؛
تاغلار ئۆرلەپ چىقتى،
ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى،
سۇلار سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى.
ئۇلار تېشىپ، يەرنى يەنە قاپلىمىسۇن دەپ،
سەن ئۇلارغا چەكلىمە قويغانسەن.
10  تەڭرى ۋادىلاردا بۇلاقلارنى ئېچىپ ئۇرغۇتىدۇ،
سۇلىرى تاغلار ئارىسىدا ئاقىدۇ.
11 دالادىكى ھەربىر جانىۋارغا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ،
ياۋايى ئېشەكلەر ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ.
12 كۆكتىكى قۇشلار ئۇلارنىڭ بويىدا قونىدۇ،
دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدا سايرايدۇ.
13 ئۇ يۇقىرىدىكى راۋاقلىرىدىن تاغلارنى سۇغىرىدۇ؛
يەر سېنىڭ ياسىغانلىرىڭنىڭ مېۋىلىرىدىن قاندۇرۇلىدۇ!
14 ئۇ ماللار ئۈچۈن ئوت-چۆپلەرنى،
ئىنسانلار ئۈچۈن كۆكتاتلارنى ئۆستۈرىدۇ،
شۇنداقلا ناننى يەردىن چىقىرىدۇ؛
15 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان شارابنى،
ئىنسان يۈزىنى پارقىرىتىدىغان ماينى چىقىرىدۇ؛
ئىنساننىڭ يۈرىكىگە نان بىلەن قۇۋۋەت بېرىدۇ؛
16 پەرۋەردىگارنىڭ دەرەخلىرى،
يەنى ئۆزى تىككەن لىۋان كېدىر دەرەخلىرى سۇ ئىچىپ قانائەتلىنىدۇ.
17 ئەنە ئاشۇلار ئارىسىغا قۇشلار ئۇۋا ياسايدۇ،
لەيلەك بولسا، ئارچا دەرەخلىرىنى ماكان قىلىدۇ.
18 ئېگىز چوققىلار تاغ ئۆچكىلىرىنىڭ،
تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ.
19 پەسىللەرنى بېكىتمەك ئۈچۈن ئۇ ئاينى ياراتتى،
قۇياش بولسا پېتىشىنى بىلىدۇ.
20 سەن قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىسەن، تۈن بولىدۇ؛
ئورماندىكى جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا شىپىر-شىپىر كېزىپ يۈرىدۇ.
21 ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۆركىرەيدۇ،
تەڭرىدىن ئوزۇق-تۈلۈك سورىشىدۇ؛
22 قۇياش چىقىپلا، ئۇلار چېكىنىدۇ،
قايتىپ كىرىپ ئۇۋىلىرىدا ياتىدۇ.
23 ئىنسان بولسا ئۆز ئىشىغا چىقىدۇ،
تا كەچكىچە مېھنەتتە بولىدۇ.
24 ئى پەرۋەردىگار، ياسىغان ھەرخىل نەرسىلىرىڭ نەقەدەر كۆپتۇر!
ھەممىسىنى ھېكمەت بىلەن ياراتقانسەن،
يەر يۈزى ئىجات-بايلىقلىرىڭ بىلەن تولدى.
25 ئەنە بۈيۈك بىپايان دېڭىز تۇرىدۇ!
ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز غۇژ-غۇژ جانىۋارلار،
چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار بار.
26 شۇ يەردە كېمىلەر قاتنايدۇ،
ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار؛
27 ۋاقتىدا ئوزۇق-تۈلۈك بەرگىن دەپ،
بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قارايدۇ.
28 ئۇلارغا بەرگىنىڭدە، تېرىۋالىدۇ،
قولۇڭنى ئاچقىنىڭدىلا، ئۇلار نازۇنېمەتلەرگە تويىدۇ.
29 يۈزۈڭنى يوشۇرساڭ، ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ،
روھلىرىنى ئالساڭ، ئۇلار جان ئۈزۈپ،
يەنە تۇپراققا قايتىدۇ.
30 روھىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە، ئۇلار يارىتىلىدۇ،
يەر-يۈزى يېڭى بىر دەۋر بىلەن ئالمىشىدۇ.
31 پەرۋەردىگارنىڭ شان-شۆھرىتى ئەبەدىيدۇر،
پەرۋەردىگار ئۆز ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
32 ئۇ يەرگە باققىنىدا، يەر تىترەيدۇ،
تاغلارغا تەگكىنىدە، ئۇلار تۈتۈن چىقىرىدۇ.
33 ھاياتلا بولىدىكەنمەن، پەرۋەردىگارغا ناخشا ئېيتىمەن؛
ۋۇجۇدۇم بولسىلا خۇدايىمنى كۈيلەيمەن.
34 ئۇ سۈرگەن ئوي-خىياللىرىمدىن سۆيۈنسە!
پەرۋەردىگاردا خۇشاللىنىمەن!
35 گۇناھكارلار يەر يۈزىدىن تۈگىتىلىدۇ،
رەزىللەر يوق بولىدۇ.
ئى جېنىم، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇر!
ھەمدۇسانا!
 
 
104:2 يار. 1‏:6؛ ئايۇپ 26‏:7 104:3 زەب. 18‏:10-11؛ يەش. 19‏:1؛ ۋەھ. 14‏:14 104:4 ئىبر. 1‏:7 104:5 ئايۇپ 26‏:7؛ 38‏:4، 5، 6؛ زەب. 24‏:1-2؛ 78‏:69 104:6 «لىباس بىلەن ئورالغاندەك، ئۇنى چوڭقۇر دېڭىزلار بىلەن ئورىغانسەن، سۇلار تاغلار چوققىلىرى ئۈستىدە تۇردى» ــ بۇ ئايەت بەلكىم نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدىكى توپاننى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). بەزى ئالىملار ئۇنى يارىتىلىش جەريانىدىكى ئۈچىنچى كۈنىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. 104:8 «تاغلار ئۆرلەپ چىقتى، ۋادىلار چۈشۈپ كەتتى، سۇلار سەن بېكىتكەن جايغا چۈشۈپ كەتتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلار (سۇلار) تاغلارغا چىقىپ، ۋادىلاردىن چۈشۈپ، سەن بېكىتكەن جايغا ئېقىپ كەتتى». 104:18 «تىك يارلار سۇغۇرلارنىڭ پاناھى بولىدۇ» ــ «سۇغۇرلار» (ياكى «سىچقانلار») كىچىك بىر ھايۋان. 104:21 ئايۇپ 38‏:39،40؛ يەش. 31‏:4 104:26 «ئۇنىڭدا ئويناقلىسۇن دەپ سەن ياسىغان لېۋىئاتانمۇ بار» ــ «لېۋىئاتان» ــ 14:74-ئايەتتىكى ھەم «ئايۇپ» 1:41-ئايەتتىكى ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. 104:27 زەب. 145‏:15 104:29 زەب. 30‏:7 104:33 زەب. 63‏:4؛ 146‏:2 104:35 «ھەمدۇسانا!» ــ بۇ يەردە (شۇنداقلا زەبۇرنىڭ باشقا يەرلىرىدە) «ھەمدۇسانا» ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاللېلۇياھ»، يەنى «ياھنى مەدھىيىلەڭلار» دېگەن سۆزنى بىلدۈرىدۇ.