110
110-كۈي •••• كەلگۈسىدىكى ئالەمنىڭ پادىشاھى ــ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەسىھ
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە،
ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى.
پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛
دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن!
كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە،
ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛
مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە،
شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك،
ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛
پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى،
ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ
«سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن».  
ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛
ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛
جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛
كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛
ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛
ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ.
 
 
110:1 «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە» ــ «تەختىپەر» پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندا پۇتى تۇرىدىغان جاي. 110:2 «پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ» ــ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى بەلكىم: خۇدا يەر يۈزىدە ئۆز سەلتەنىتىنى قۇرغاندا، تىكلىگەن پادىشاھ مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەم ھوقۇقى يېرۇسالېمدىن چىقىپ ھەر يەرگە يېتىپ بارىدۇ. 110:3 «ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ» ــ «خالىس قۇربانلىق»، -54-كۈي، 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ» ــ دېھقانلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، شەبنەم ئادەتتە پەقەت ياپيېشىل ئوتياشلار ۋە دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. قۇرۇق-قاقشال بولۇپ قالغان دەرەخلەرگە چۈشمەيدۇ. كۆچمە مەنىسى، مەسىھ مەڭگۈگە ياپيېشىل دەرەختەك ياش تۇرىۋېرىدۇ. 110:4 «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» ــ مەلكىزەدەك دېگەن ئادەم ھەزرىتى ئىبراھىمغا كاھىن (خۇداغا ۋەكىل بولۇپ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلغۇچى) بولغان ھەم ئىبراھىم ئالغان ئولجىدىن ئوندىن بىرىنى ئالغان («يار.» 14-باب). دېمەك، ئۇ ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ئىدى، شۇڭلاشقا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كاھىنلاردىنمۇ ئۇلۇغ ئىدى. «يار.» 14-بابتا دېيىلگىنىچە، بۇ سىرلىق ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ئىدى. ئىنجىل «ئىبرانىيلارغا»، 8- ھەم 10-بابنى كۆرۈڭ. «مەلكىزەدەك»نىڭ مەنىسى: «ھەققانىيلىقنىڭ پادىشاھى» «ئامانلىق پادىشاھى». ئۇنداقتا بۇ يەردە «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ بېكىتىلىشى ئالەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي كاھىن دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 110:4 ئىبر. 5‏:6؛ 6‏:20؛ 7‏:17 110:6 ۋەھ. 14‏:14-20؛ 16‏:14-16؛ 20‏:8-10 110:7 «ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ» ــ بۇ سىرلىق گەپ بەلكىم مەسىھنىڭ كىچىك پېئىل ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ كىچىك پېئىل مۆمىنلەرگە تەسەللى بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇڭا ئۇ (ئۆز) بېشىنى كۆتۈرىدۇ».