113
113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ
ھەمدۇسانا!
مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار!
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا،
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر!
پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛
شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.
كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ
ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،
ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن،
ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟
نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛
قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛
ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا،
يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛
ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ.
ھەمدۇسانا!
 
 
113:2 دان. 2‏:20 113:3 مال. 1‏:11 113:7 1سام. 2‏:8؛ زەب. 107‏:41