121
121-كۈي •••• رەب ھىمايە قىلغۇچىمدۇر
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
كۆزلىرىمنى تاغلار تەرەپكە كۆتۈرۈپ قارايمەن؛
مېنىڭ ياردىمىم قەيەردىن كېلۇر؟
مېنىڭ ياردىمىم پەرۋەردىگاردىندۇر؛
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدىندۇر.
ئۇ پۇتۇڭنى ھېچ تېيىلدۇرمايدۇ؛
سېنى ساقلىغۇچى ھېچ مۈگدىمەيدۇ!
مانا، قارا، ئىسرائىلنى ساقلىغۇچى ھەم مۈگدىمەيدۇ، ھەم ئۇخلىمايدۇ!
پەرۋەردىگار سېنىڭ ساقلىغۇچىڭدۇر؛
پەرۋەردىگار ئوڭ يېنىڭدىكى سايىۋەندۇر.
قۇياش كۈندۈزدە، ئاي كېچىدە ساڭا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛
پەرۋەردىگار بارلىق يامانلىقتىن سېنى ساقلايدۇ؛
ئۇ جېنىڭنى ساقلايدۇ؛
پەرۋەردىگار چىقىشىڭنى، كىرىشىڭنى،
بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىلئەبەدگىچە ساقلايدۇ.