123
123-كۈي •••• زور خارلىق ئاستىدا
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
ئى ئەرشلەردە تۇرغۇچىسەن،
ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن؛ ◼  ◘
2 مانا، قۇللىرىڭنىڭ كۆزى ئۆز خوجايىنىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،
دېدەكلەرنىڭ كۆزى ئۆز ساھىبەسىنىڭ قوللىرىغا قانداق قارىغان بولسا،
بىزنىڭ كۆزىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا شۇنداق قارايدۇ.
تا بىزگە شەپقەت كۆرسەتكۈچە قارايدۇ.
3 بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،
بىزگە شەپقەت كۆرگۈزگەيسەن؛
چۈنكى بىز يەتكۈچە خورلۇق تارتقانمىز.
4 جېنىمىز غوجاملارنىڭ مازاقلىرىنى،
ھاكاۋۇرلارنىڭ خورلۇقلىرىنى يەتكۈچە تارتقاندۇر.
 
 
◼ 123:1 «ساڭا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ساڭا كۆزلىرىمنى كۆتۈرۈپ قارايمەن». ◘ 123:1 زەب. 115‏:3