125
125-كۈي •••• خۇدانىڭ زور ھىمايىسى
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
پەرۋەردىگارغا تايانغانلار زىئون تېغىدەكتۇر؛
ئۇنى تەۋرەتكىلى بولمايدۇ،
ئۇ مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ.
يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان،
ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ.
چۈنكى رەزىللەرنىڭ ھوقۇق ھاسىسى ھەققانىيلارنىڭ نېسىۋىسىنى باشقۇرمايدۇ؛
بولمىسا ھەققانىيلارمۇ قوللىرىنى قەبىھلىككە ئۇزارتىشى مۇمكىن.
پەرۋەردىگار، مېھرىبانلارغا مېھرىبانلىق قىلغايسەن؛
كۆڭلى دۇرۇسلارغىمۇ شۇنداق بولسۇن.
بىراق ئەگرى يوللارغا بۇرۇلۇپ كەتكەنلەرنى بولسا،
پەرۋەردىگار ئۇلارنى قەبىھلىك قىلغۇچىلار بىلەن تەڭ شاللايدۇ.
ئىسرائىلغا ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي!