134
134-كۈي •••• ئىبادەت
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار،
ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان،
پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى!
مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار!
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!
 
 
134:3 «...پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» (1-ئايەت) ھەم «بەرىكەتلەش» دېگەنلەر بىرلا سۆز («باراك») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.