138
138-كۈي •••• شەپقەتكە رەھمەتلەر
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن.
پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛
چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛
جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.
ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار،
جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ،
چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.
چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛
بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛
تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.
زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ،
سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛
دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن،
ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛
مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛
ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!
 
 
138:1 «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ. 138:2 «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چپنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. 138:6 زەب. 113‏:4-7