14
14-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ.
ئۇلار چىرىكلىشىپ،
يىرگىنچلىك قەبىھلىكنى قىلىشتى؛
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر؛
پەرۋەردىگار ئەرشتە تۇرۇپ، ئادەم بالىلىرىنى كۆزىتىپ:
«بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟
خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى،
ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى،
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوق، ھەتتا بىرىمۇ يوقتۇر.
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان بۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەمدۇ؟» ــ دەيدۇ.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ.
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛
چۈنكى خۇدا ھەققانىيلارنىڭ دەۋرىدىدۇر.
«سىلەر ئېزىلگەنلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدىنى يوق قىلماقچى بولىسىلەر؛
بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!»
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى!
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئاسارەتتىن چىقىرىپ،
ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا،
ياقۇپ شادلىنىدۇ،
ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!
 
 
14:1 زەب. 10‏:4؛ 53‏:1-3؛ رىم. 3‏:10 14:6 «بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!» ــ ياكى «چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!». بىزنىڭچە «بىراق» توغرا كېلىدۇ ــ دېمەك، خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ بوزەك قىلىنغىنىغا قاراپ، ئۇلارنى قوغلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گەرچە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھى بولسا!» 14:7 «ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!» ــ «ئىسرائىل» توغرۇلۇق ــ ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇغان بولسا، ئېسىدە بولىدۇكى، خۇدا ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن. يەھۇدىي خەلقى (ئىسرائىللار) ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە ياكى زەبۇردا «ياقۇپ» ياكى «ئىسرائىل» ئادەتتە يەھۇدىيلار، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېكىست ھەزرىتى ياقۇپ (ئىسرائىل)نىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىزاھات بېرىمىز.