145
145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي
مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ
|א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن.
|ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن،
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن!
|ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر!
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛
|ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛
ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛
|ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى،
ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛
|ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛
مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!
|ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ،
ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.
|ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛
ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛
|ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛
10 |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار،
سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ.
11 |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ،
كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛
12 |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ،
پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ.
13 |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر،
سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر.
14 |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ،
ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ.
15 |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛
ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛
16 |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا،
بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن.
17 |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر،
ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر.
18 |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر،
ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛
19 |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
20 |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛
رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
21 |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛
بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي!
 
 
145:3 ئايۇپ 5‏:9؛ زەب. 48‏:1؛ 96‏:4؛ 150‏:2 145:4 قان. 4‏:9؛ 6‏:7 145:7 زەب. 119‏:171-172 145:8 مىس. 34‏:6، 7؛ چۆل. 14‏:18؛ زەب. 86‏:15؛ 103‏:8 145:13 «ئىزاھات» ــ يېقىندا بەزى كونا كۆچۈرۈلمىلەردىن 13- ۋە 14-ئايەتنىڭ ئارىلىقىدا: ــ « נ پەرۋەردىگار ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ بارلىق ياراتقانلىرىغا مېھرىباندۇر» دېگەن مەزمۇن بولغان يەنە بىر نۇسخىسى تېپىلغان (ئىبرانىي تىلىدا «نۇن» بىلەن باشلىنىدۇ). 145:15 زەب. 104‏:27