16
16-كۈي •••• ئاخىرەتكىچە خۇداغا باغلىغان چەكسىز ئۈمىد
داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى:
 
مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى،
چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن.
مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛
سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى.  
يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا،
ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر،
ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر.
كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا،
ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ.
غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن،
ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن.
پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛
چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛  
نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛
بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر!
ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ.
مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛
ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا،
مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى،
مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ،
مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛
10 چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن،
شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن.  
11 سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛
ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛
ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.
 
 
16:1 «داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى» ــ «مىختام» بەزى ئالىملارنىڭ پەرزىچە «ئۈنسىز دۇئا» ياكى «يوشۇرۇن گۆھەر» دېگەن مەنىدە. 16:2 «سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى ــ «مېنىڭ ياخشىلىقىم (ھەرگىز) سېنىڭكىگە يەتمەيدۇ». 16:2 ئايۇپ 22‏:2؛ 35‏:7؛ رىم. 11‏:35 16:5 «پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر» ــ خۇدانىڭ «ئۆز خەلقىنىڭ مىراسى» بولغانلىقى توغرۇلۇق «يار.» 1:15، «چۆل.» 20:18، «زەب.» 26:73نى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ. «چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن» ــ ئىسرائىللار يەشۇئا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى ئىگىلىگەن ۋاقتىدا، ھەر قەبىلىنىڭ، ھەر ئائىلىنىڭ تەئەللۇقى چەك تاشلاش بىلەن بېكىتىلگەن («يە.» 18-19-باب). مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇن بويىچە، بۇ تەئەللۇقات بولسا مەڭگۈگە مۇشۇ ئائىلە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇلىدۇ. 16:5 يىغ. 3‏:24 16:6 «نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر» ــ يۇقىرىقى 5-ئايەتتىكى چەك بەلگىلىگەن جاي سىزىقلار بىلەن بېكىتىلگەن. داۋۇت بەلكىم مۇشۇ سۆزلەرنى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىپ: «ھاياتىم ۋە تۇرمۇشۇمنى ھەر جەھەتتىن خۇدا ياخشى بېكىتكەن» ــ دېمەكچى بولسا كېرەك. 16:7 «ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ» ــ «ۋىجدانىم» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن بىلدۈرۈلىدۇ. 16:8 روس. 2‏:25 16:9 «مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ» ــ «روھىم» ئىبرانىي تىلىدا «شان-شەرىپىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 16:10 «چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن» ــ تەۋرات ۋە ئىنجىل بويىچە، «دوزاخ» ياكى «جەھەننەم» پەقەتلا ئاخىرەت كۈنىدىن كېيىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ روھى بىر ئورۇنغا، يەنى «تەھتىسارا»غا بارىدۇ. مەسىھ ئەيسا كرېستكە مىخلانغاندىن كېيىن، «تەھتىسارا»دا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ يەردە بىز ئۇ توغرۇلۇق توختالمايمىز. بىراق مۇشۇ ئايەتتە، داۋۇت پەيغەمبەر «مەسىھ» (قۇتقۇزغۇچى)نىڭ گۆردە تۇرماي تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭ» ــ مۇقەددەس كىتابتا، «مۇقەددەس» «ئۇلۇغ» ئەمەس، بەلكى «مۇتلەق پاك»، «خۇداغا خاس»، «پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتالغان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «مۇقەددەس بولغۇچىڭ» چوقۇم مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشنى كۆرگۈزمەيسەن». دېمەك، گۆرگە قويۇلغان بولسىمۇ، تېنى چىرىمايدۇ (تېز تىرىلدۈرۈلىدۇ). 16:10 روس. 2‏:31؛ 13‏:35