22
22-كۈي •••• ئەڭ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتتە قىلغان دۇئا •••• بېشارەتلىك كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
«ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟
سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟
نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن،  
خۇدايىم، كۈندۈزدە نىدا قىلدىم، لېكىن سەن ھېچ جاۋاب قىلمايسەن؛
كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن.  
بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى،
سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن!
ئاتا-بوۋىلىرىمىز سېنى تايانچى قىلغان،
ئۇلار ساڭا تايانغان، سەن ئۇلارنى قۇتقۇزغان.
ئۇلار ساڭا نىدا قىلىشلىرى بىلەن قۇتۇلغان؛
ساڭا تايىنىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ھېچ يەردە قالغان ئەمەس.
بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن،
ئىنسان تەرىپىدىن تۆھمەت بىلەن رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن،
خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن.  
مېنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ كۈلىدۇ،
باشلىرىنى سىلكىشىپ ئاغزىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
«ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟!
ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن!
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر،
ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ.
بىراق مېنى ئاپامنىڭ قورسىقىدىن چىقارغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛
ھەتتا ئەمچەكتىكى ۋاقتىمدىمۇ مېنى ئۆزۈڭگە تاياندۇرغانسەن؛
10 تۇغۇلغىنىمدىن تارتىپلا، مەن ئۆزۈمنى قوينۇڭغا تاشلىغانمەن؛
ئانامنىڭ بالىياتقۇسىدىكى ۋاقتىمدىلا، سەن مېنىڭ تەڭرىم بولۇپ كەلگەنسەن.
11 مەندىن يىراقلاشما؛
چۈنكى رىيازەت مېنى قىستاپ كەلدى؛
ماڭا ياردەمدە بولغۇچى يوقتۇر.
12 نۇرغۇن بۇقىلار مېنى قورشىۋالدى؛
باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى؛
13 ئۇلار ئادەمنى تىتما قىلغۇچى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك،
ئاغزىلىرنى چوڭ ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ.
14 مەن تۆكۈلگەن سۇدەك بولدۇم،
ھەممە سۆڭەكلىرىم ئىزىدىن چىقىپ كەتتى؛
يۈرىكىم مومدەك ئېرىپ كەتتى،
ئىچ-باغرىمدا زەئىپلىشىپ ئېرىپ كەتتى.
15 قاغجىراپ كەتكەن ساپال پارچىسىدەك ماغدۇرۇم قالمىدى،
تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ كەتتى،
سەن پەرۋەردىگار مېنى ئۆلۈمنىڭ توپا-چاڭلىرىغا قويغانسەن.
16 غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى،
بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ،
مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى.
17 سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سانىيالايمەن،
ئۇستىخانلىرىم ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندەك قىلىدۇ.
18 ئۇلار كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتۈرۈۋاتىدۇ،
كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ.  
19 بىراق، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشما!
ئى كۈچ-قۇدرىتىم بولغۇچىم، ياردەمگە تېز كەلگەيسەن!
20 جېنىمنى قىلىچتىن قۇتقۇزغىن،
مېنىڭ يالغۇز جېنىمنى ئىتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغىن.
21 مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزغىن؛
شۇنداق، سەن ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن!
22 مەن سېنىڭ نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا ئېلان قىلىمەن؛
چوڭ جامائەت ئىچىدە تۇرۇپ ساڭا بولغان مەدھىيىلىرىمنى جاكارلايمەن؛
23 پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!
ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار!
ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.
24 چۈنكى ئۇ ئېزىلگۈچىنىڭ ئاشۇ خارلىنىشلىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلغان ئەمەس،
ياكى ئۇنىڭدىن ھېچ يىرگەنگەن ئەمەس؛
ئۇنىڭدىن ئۆز ۋىسالىنى ھېچ يوشۇرغان ئەمەس؛
بەلكى ئۇ ئىلتىجا قىلىپ ئاۋازىنى كۆتۈرگىنىدە،
ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان.
25 چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر،
خۇدادىن ئەيمەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىچكەن قەسەملىرىمنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛  
26 ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ؛
پەرۋەردىگارنى ئىزدىگەنلەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ؛
سىلەرنىڭ قەلبىڭلار مەڭگۈ ياشنايدۇ!  
27 زېمىننىڭ ئەڭ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى قەلبىدە تۇتۇپ ، توۋا قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ؛
ئەل-مىللەتلەرنىڭ بارلىق جەمەتلىرى ئالدىڭدا ئىبادەت قىلىدۇ؛
28 چۈنكى پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغىلا تەۋەدۇر؛
ئۇ ئەل-مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگۈچىدۇر.
29 جاھاندىكى بايلارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن يەپ-ئىچىپ، ئىبادەت قىلىدۇ؛
تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ؛
30 كەلگۈسىدىكى بىر ئەۋلاد ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ؛
بۇ ئەۋلاد رەب ئۈچۈن ئۆز پەرزەنتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
31 كېيىن ئۇلار كېلىپ، شۇ چاغدا تۇغۇلىدىغان بىر قوۋمغا ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى جاكارلاپ شۇنى ئېلان قىلىدۇكى،
«ئۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى!»
 
 
22:1 «ئىزاھات» ــ داۋۇت پەيغەمبەر ھاياتىدا نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ كۈيدە ئېيتىلغان شۇنچىۋالا ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقان ئەمەس. شۇڭا شۈبھىسىزكى، داۋۇت ئۆزىدىن كېيىنكى بىرسىنىڭ تارتىدىغان ئازابلىرىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئازابلارنىڭ كىمگە قارىتىلغانلىقى توغرۇلۇق ئۆزلىرى خۇلاسىگە كەلسۇن. ««ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت)» ــ بەزى ئالىملار: «تاڭ سەھەردىكى چىشى جەرەن» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بۇ بەلكىم كۈينىڭ تېمىسىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئاھاڭىنىڭ نامى بولسا كېرەك. 22:1 مات. 27‏:46؛ مار. 15‏:34 22:2 «كېچىدىمۇ مەن شۇنداق پەرياد قىلىشتىن ئارام ئالالمايمەن» ــ ياكى «كېچىدىمۇ مەن پەرياد قىلسام، بىراق ئارام تاپمايمەن» 22:2 مات. 27‏:45 22:5 زەب. 25‏:2-3؛ 31‏:1؛ يەش. 49‏:23؛ رىم. 9‏:33 22:6 «مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قۇرت» «كوككۇس ئىلىكۇس» (قىزىل قۇرت) دېگەن قۇرتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قۇرتنىڭ چىشىسى تۇخۇملىغاندا ئۆزىنى دەرەخكە چاپلاشتۇرۇپ، سالغان تۇخۇملىرىنى ئۆز بەدىنى بىلەن قوغدايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆلگۈچە چاپلاشقان يەردىن مىدىرلىماي تۇرىدۇ. ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭدىن قىپقىزىل بىر سۇيۇقلۇق چىقىپ، ھەممە ئەتراپىنى قىزىل قىلىدۇ. ئادەملەر بۇ قىزىل سۇيۇقلۇقنى بوياق ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىشلار مەسىھ ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشىغا بېشارەت بولمامدۇ؟ 22:6 يەش. 41‏:14 22:7 مات. 27‏:39 22:8 مات. 27‏:43 22:10 يەش. 49‏:1 22:12 «باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى مېنى ئورىۋالدى» ــ پەلەستىننىڭ باشان رايونىدىكى بۇقىلار يوغان، كۈچلۈك ئىدى. بۇ يەردە يامان ئادەملەر ھەم ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان يامان جىن-روھلارنى كۆرسەتسە كېرەك. 22:15 يـۇھ. 19‏:28 22:16 مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ لۇقا 23‏:33؛ يـۇھ. 19‏:23،37؛ 20‏:25 22:18 «كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ» ــ ياكى «چاپىنىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىۋاتىدۇ». 22:18 لۇقا 23‏:34؛ يـۇھ. 19‏:24 22:20 «مېنىڭ يالغۇز جېنىم» ــ ياكى «مېنىڭ كىچىك جېنىم» ياكى «مېنىڭ قىممەتلىك جېنىم». سۆزلىگۈچى ئېغىر يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. 22:21 «...ئىلتىجالىرىمنى ئىجابەت قىلىپ ياۋا كالىلارنىڭ مۈڭگۈزلىرىدىن قۇتقۇزغانسەن!» ــ «ياۋا كالا» ھازىر نەسلى قۇرۇغان. ئۇلار ئەسلى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئادەتتىكى كالىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئىدى. مۇشۇ يەردە «ياۋا كالىلار» ئەشەددىي رەزىل ئادەملەرگە ياكى جىن-شەيتانلارغا سىمۋول بولىدۇ. 22:22 ئىبر. 2‏:12 22:23 «ياقۇپنىڭ بارلىق نەسىللىرى» ــ ئىسرائىل خەلقى، ئەلۋەتتە. «ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ خۇدا ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئىسرائىل قوۋمىنىڭ ئەجدادى» بولغان. 22:25 «چوڭ جامائەت ئىچىدە ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ئۆزۈڭدىندۇر» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى «چوڭ جامائەتتە مېنىڭ مەدھىيىلىرىمنىڭ تېمىسى سەندىن چىققاندۇر...» ياكى «چوڭ جامائەتتە مېنىڭ ساڭا مەدھىيىلەرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىم سەندىن چىققاندۇر...». 22:25 زەب. 18‏:49؛ 35‏:18؛ 52‏:9؛ 111‏:1 22:26 «ئاجىز مۆمىنلەر قورسىقى تويغۇچە تاماقلىنىدۇ» ــ «تاماقلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ يەردە ھېيت قۇربانلىقلىرىدىن ياكى «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى» («رەھمەت قۇربالىقلىرى»)دىن تاماقلىنىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 22:26 قان. 4‏:29؛ زەب. 69‏:32؛ 149‏:4؛ يەش. 25‏:6؛ زەف. 2‏:2؛ يـۇھ. 11‏:26 22:27 زەب. 2‏:8؛ 72‏:10-11؛ 86‏:9 22:29 «جاھاندىكى بايلارمۇ ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «جاھاندىكى سېمىزلەرمۇ...» ــ كۆچمە مەنىسى «بايلار» بولۇشى مۇمكىن. «تۇپراققا كىرەي دەپ قالغانلارمۇ، ھەتتا ئۆز جېنىنى ساقلىيالمايدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ» ــ دېمەك، ھەم بايلار ھەم مىسكىنلەر (كۈيدە بېشارەت بېرىلگەن ئىشلار تۈپەيلىدىن) خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ. 22:30 يەش. 53‏:8، 10؛ يەش. 8‏:18‏: زەب.89‏:29؛ مات. 1‏:1؛ يۇھ 12‏:24؛ رىم. 5‏:18، 19؛ 1پېت. 2‏:9 22:31 زەب. 52‏:9؛ 102‏:18؛ لۇقا 24‏:46، 47؛ رىم. 3‏:22-25