24
24-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسى
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
پەرۋەردىگارغا مەنسۈپتۇر، جاھان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلار؛
ئۇنىڭغا تەئەللۇقتۇر يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ؛ ◘
2 چۈنكى جاھاننىڭ ئۇلىنى چوڭقۇر دېڭىزلار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،
يەرنى سۇلار ئۈستىگە ئورناتقان ئۇدۇر.
3 پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا كىم چىقالايدۇ؟
ئۇنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىم كىرىپ تۇرالايدۇ؟ ◘
4 ــ قوللىرى گۇناھتىن پاكىز، دىلى ساپ،
قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان،
يالغان قەسەم قىلمىغان كىشى كىرەلەيدۇ. ◼
5 بۇنداق كىشى بولسا پەرۋەردىگاردىن بەختنى،
ئۆز نىجاتلىقى بولغۇچى خۇدادىن ھەققانىيلىقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ◼
6 بۇ دەۋر ئۇنى ئىزدىگۈچى دەۋردۇر،
يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!
سېلاھ! ◼
7 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
كەڭ ئېچىلىڭلار!
ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!
شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ! ◼
8 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟
ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىكتۇر!
پەرۋەردىگار، جەڭ مەيدانىدا قۇدرەتلىكتۇر! ◘
9 ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
كەڭ ئېچىلىڭلار!
ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار!
شۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ كىرىدۇ!
10 شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھ دېگەن كىم؟
ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بولسا، شان-شەرەپ ئىگىسى پادىشاھتۇر!
سېلاھ! ◘
 
 
◘ 24:1 مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 50‏:12؛ 1مات. 3-1:21؛ كور. 10‏:26،28 ◘ 24:3 زەب. 15‏:1؛ يەش. 33‏:14،15 ◼ 24:4 «قۇرۇق نەرسىلەرگە تەلمۈرۈپ قارىمىغان» ــ «قۇرۇق نەرسىلەر» بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ. ◼ 24:5 «... تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرىدۇ» ــ بۇ ئىككى پېئىل ئىبرانىي تىلىدا بىرلا پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ◼ 24:6 «...يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى!» ــ سۆزمۇسۆز ئىبرانىي تىلىدا: «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر، ئى ياقۇپ!». بۇ تەرجىمىسى توغرا بولسا «ياقۇپ» مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «يەنى سېنىڭ دىدارىڭنى ئىزدىگۈچىلەر بولغان ياقۇپتىن ئىبارەتتۇر». ◼ 24:7 «ئى قوۋۇقلار، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار! كەڭ ئېچىلىڭلار! ئى مەڭگۈلۈك ئىشىكلەر، كۆتۈرۈلۈڭلار!» ــ قەدىمكى زامانلاردا قوۋۇقلار ئېچىلغاندا يۇقىرىدىن كۆتۈرۈلەتتى. ◘ 24:8 مات. 10:21 ◘ 24:10 مات. 10:21