26
26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش
داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛
مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن.  
مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن.
يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن.
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.
ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.
ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى،
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛
جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن،
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛
10 ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر،
ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى.
11 مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن،
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
12 پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.
 
 
26:1 «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم». 26:1 زەب. 7‏:8 26:2 «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 26:4 ئايۇپ 31‏:5؛ زەب. 1‏:1 26:11 «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.