32
31-كۈي •••• گۇناھنى ئېتىراپ قىلىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم سوراش؛ •••• خۇدا جاۋابەن بېشارەت بېرىدۇ
داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ
 
ئىتائەتسىزلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان،
گۇناھلىرى يېپىلغان كىشى بەختلىكتۇر!  
پەرۋەردىگار رەزىللىكلىرى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان،
روھىدا ھېچقانداق ھىيلىلىك يوق كىشى بەختلىكتۇر!
مەن گۇناھىمنى ئىقرار قىلماي، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانىدىم،
كۈن بويى ئاھۇ-پىغان ئىچىدە،
سۆڭەكلىرىم چىرىپ كەتتى؛
چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛
يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى.
سېلاھ!
ئەمدى گۇناھىمنى سېنىڭ ئالدىڭدا ئېتىراپ قىلدىم،
قەبىھلىكىمنى سەندىن يوشۇرىۋەرمەيدىغان بولدۇم؛
مەن: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن» ــ دېدىم،
شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ رەزىل گۇناھىمنى كەچۈرۈم قىلدىڭ.
سېلاھ!
شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە،
ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن!
چوڭ توپانلار ئۆرلەپ، تېشىپ كەتكەندە،
سۇلار شۇ كىشىگە ھەرگىز يېقىنلاشمايدۇ.
سەن مېنىڭ دالدا جايىمدۇرسەن؛
سەن مېنى زۇلۇمدىن ساقلايسەن؛
ئەتراپىمنى نىجاتلىق ناخشىلىرى بىلەن قاپلايسەن!
سېلاھ.
ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛
مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.
ئەقلى يوق بولغان ئات ياكى ئېشەكتەك بولما؛
ئۇلارنى چەكلەشكە تىزگىنلەيدىغان يۈگەن بولمىسا،
ئۇلار ھەرگىز ساڭا يېقىن كەلمەيدۇ».
10 رەزىللەرگە چۈشۈدىغان قايغۇ-ھەسرەتلەر كۆپتۇر،
بىراق مېھىر-شەپقەتلەر پەرۋەردىگارغا تايانغان كىشىنى چۆرىدەيدۇ؛
11 ئى ھەققانىيلار، پەرۋەردىگار بىلەن شادلىنىپ خۇرسەن بولۇڭلار؛
كۆڭلى دۇرۇسلار، خۇشاللىقتىن تەنتەنە قىلىڭلار!
 
 
32:1 «داۋۇت يازغان «ماسقىل»» ــ «ماسقىل» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم؛ بەزى ئالىملار ئۇنى «تەربىيىلىك» بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنى بەزىلەر ئۇنى «ماھىرلىق بىلەن ئېيتىلسۇن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. 32:1 رىم. 4‏:6، 7 32:4 «سېلاھ!» ــ مەنىسى ئېنىق ئەمەس. زەبۇردىكى ھەربىر كۈي ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان ۋاقىتتا، «سېلاھ» بەلكىم پەدىدىكى بىردەم توختاشنى (پائۇز) كۆرسىتىپ، «توختا، ئويلان» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. 32:5 زەب. 38‏:18؛ 51‏:3؛ پەند. 28‏:13؛ 1يۇھ. 1‏:9 32:6 «شۇڭا سېنى تاپالايدىغان پەيتتە، ھەربىر ئىخلاسمەن ساڭا دۇئا بىلەن ئىلتىجا قىلسۇن!» ــ «شۇڭا» دېگەن مۇشۇ مۇھىم سۆز خۇدانىڭ كەچۈرۈمىنى ئىزدىگەن ئادەمگە ئۈمىد بېرىشى كېرەك (5-ئايەتنى كۆرۈڭ). «چوڭ توپانلار ئۆرلەپ تېشىپ كەتكەندە، سۇلار شۇ كىشىگە يېقىنلاشمايدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەر ئوقۇرمەنلەرگە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى توپاننى ئەسلىتىدۇ. توپان كېلىشتىن بۇرۇن خۇدانى ئىزدىگەنلەر ئۈچۈن «خۇدانى تاپالايدىغان پەيت» بولىدۇ؛ لېكىن توپان بېسىپ كەلگەندىن كېيىن خۇدانى ئىزدەيدىغان ھېچقانداق پۇرسەت قالمايدۇ. 32:7 زەب. 27‏:5؛ 31‏:20 32:8 «مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن...» ــ (1) خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى ھەردائىم كۆزىدە تۇتىدۇ؛ (2) قەدىمدە پادىشاھلار خىزمەتچىلىرىگە پەقەت كۆز ئىشارىتى بىلەنلا يول كۆرسىتەتتى. 32:9 پەند. 26‏:3؛ ياق. 3‏:3