39
39-كۈي •••• خۇدانىڭ تەربىيىسىنى چۈشىنىپ يېتىش
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
«تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ،
يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛
رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم.
مەن سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم،
ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم؛
بىراق دىل ئازابىم تېخىمۇ قوزغالدى.
كۆڭلۈمدە زەردەم قاينىدى،
ئويلانغانسېرى ئوت بولۇپ ياندى؛
ئاندىن تىلىم ئىختىيارسىز سۆزلەپ كەتتى.
ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى،
كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛
ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن.
مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ،
سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر.
بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس.
سېلاھ.
بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر،
ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛
ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟
مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر.
مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن،
مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن.
سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛
چۈنكى مانا، مۇشۇ جازانى ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن.
10 مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛
چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم.
11 سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە،
سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛
بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ.
12 ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن،
پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن!
كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن!
چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا-بوۋىلىرىمدەك،
سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس!
13 ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى،
مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە،
مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن.
 
 
39:1 «يەدۇتۇن» ــ داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ يېتەكچىسىگە تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ...». 39:2 «ھەتتا ياخشىلىق توغرىسىدىكى سۆزلەرنىمۇ ئاغزىمدىن چىقارمىدىم» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەرقانداق پايدىسىز سۆزدىن قالدىم». 39:5 زەب. 62‏:9-10؛ 144‏:4 39:12 لاۋ. 25‏:23؛ 1تار. 29‏:15؛ زەب. 119‏:19؛ ئىبر. 11‏:13؛ 1پېت. 2‏:11