47
47-كۈي •••• خۇدا مەڭگۈ غەلىبە قىلغۇچىدۇر
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
بارلىق قوۋملار، خۇدانى ئالقىشلاڭلار!
ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازىڭلار بىلەن خۇشاللىق تەنتەنىسىنى ياڭرىتىڭلار!
چۈنكى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى، پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر،
پۈتكۈل جاھاننى سورىغۇچى بۈيۈك پادىشاھتۇر.
ئۇ بىزگە خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ،
بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ.
ئۇ بىز ئۈچۈن مىراسىمىزنى تاللاپ،
يەنى ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى بېكىتىپ بەردى.
سېلاھ!
خۇدا تەنتەنە ساداسى ئىچىدە،
پەرۋەردىگار سۇناي ساداسى ئىچىدە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى؛
خۇداغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
پادىشاھىمىزغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار، ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
خۇدا پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھىدۇر؛
زېھنىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ناخشا-كۈي ئېيتىڭلار!
خۇدا ئەللەر ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئۇ ئۆزىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
ئەل-يۇرتلارنىڭ كاتتىلىرى جەم بولۇپ،
ئىبراھىمنىڭ خۇداسىنىڭ خەلقىگە قوشۇلدى؛
چۈنكى جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر؛
ئۇ نەقەدەر ئالىيدۇر!
 
 
47:2 «...پەرۋەردىگار، دەھشەتلىك ۋە ھەيۋەتلىكتۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «دەھشەتلىك» ھەم «ھەيۋەتلىك» بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. 47:3 «... بىزنى ئەل-مىللەتلەر ئۈستىگە ھاكىم قىلىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «... ئەل-مىللەتلەرنى پۇتىمىز ئاستىدا قىلىدۇ». 47:9 «... جاھاندىكى بارلىق قالقانلار خۇداغا تەۋەدۇر» ــ «قالقانلار» بەلكىم دۇنيادىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «پادىشاھلار».