49
49-كۈي •••• پۈتۈن ئىنسانغا بېرىلگەن نەسىھەت-ئاگاھلاندۇرۇش
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
 
ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!
يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار!
مەيلى ئاددىي پۇقرا، يا ئېسىلزادىلەر،
يا باي، يا گادايلار بولسۇن، ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار!
ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ،
دىلىم ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدۇ.
قۇلىقىم ھېكمەتلىك تەمسىلنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ،
چىلتار چېلىپ سىرلىق سۆزنى ئېچىپ بېرىمەن.
ئېغىر كۈنلەردە، مېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئەتراپىمدا بولسىمۇ،
مەن نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟
ئۇلار بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ،
مال-مۈلۈكلىرىنىڭ زورلۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ؛
7‏-9 ئىنسان مەڭگۈگە ياشاپ،
گۆر-ھاڭنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن،
ھېچكىم ئۆز بۇرادەرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدۇ؛
ۋە ياكى خۇداغا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك باھانى بېرەلمەيدۇ؛
(چۈنكى ئۇنىڭ جېنىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت،
ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر)
10 ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛
ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ،
شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
11 ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى:
«ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە،
ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛
ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ.
12 بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام-ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ،
ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ.
13 ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛
لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
سېلاھ.
14 ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛
ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛
ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛
ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛
تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!
15 بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ.
سېلاھ.
16 بىرسى بېيىپ كېتىپ،
ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ،
قورقما؛
17 چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛
ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۆرگە چۈشمەيدۇ.
18 گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك چاغلىغان بولسىمۇ،
(بەرھەق، كىشىلەر روناق تاپقىنىڭدا، ئەلۋەتتە سېنى ھامان ماختايدۇ)
19 ئاخىرى بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ؛
ئۇلار مەڭگۈگە يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ.
20 ئىنسان ئىززەت-ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا،
ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس.
 
 
49:3 «ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىم دانالىقلارنى سۆزلەيدۇ». 49:4 زەب. 78‏:2؛ مات. 13‏:35 49:7‏-9 «ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ۋە مۇشۇ باھا بولسا، ئۇنى ئەبەدىي تۆلىيەلمەيدۇ». 49:11 «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە...»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلار يەرلىرىگە ئۆز ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويغىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ شۇ يەرلىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇلارنىڭ ياتىدىغان جايى، يەنى ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى بولىدۇ، خالاس». 49:14 «ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ» ــ «ئەتىسى سەھەر» بۇ يەردە، شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلىش كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ... تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر!» ــ تولۇق ئايەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلەر ئۇچرىشى مۇمكىن.