52
52-كۈي •••• خۇدانىڭ ھۆكۈمى ۋە شەپقىتى
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان: ــ
ئى نوچى باتۇر،
نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟
تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.   
ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى،
تىلىڭ زەھەر چاچماقچى،
ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ.
سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى،
ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛
ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل!
بەرھەق، تەڭرى ئوخشاشلا سېنى مەڭگۈگە يوقىتىدۇ؛
ئۇ سېنى تۇتۇۋالىدۇ، يەنى ئۆز چېدىرىڭدىن تارتىپ چىقىدۇ؛
تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن سېنى يىلتىزىڭدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ.
سېلاھ.
ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ،
ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ
«قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم،
پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛
ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ.
مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن،
مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن.
مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛
مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛
مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر.
 
 
52:1 «ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن» ــ شۇ چاغدا سائۇل پادىشاھ داۋۇت پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. داۋۇت پەيغەمبەر قېچىپ، ئابىمەلەك دېگەن بىر كاھىن (يەنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمەتچىسى)نىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ ياردەم سورىدى. ئابىمەلەك ياردەم بەردى. كېيىن سائۇل پادىشاھ ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قىرىۋەتتى (تەۋرات «1سام.» 21-، 22-باب). «...نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» ــ باشقا خىل تەرجىمىلىرى: ــ (1) «... نېمىشقا كۈن بويى ماختىنىسەن، تەڭرى ئالدىدا يىرگىنچلىك بولدۇڭسەن»؛ (2) «... نېمىشقا مۆمىن بەندىلەرگە يەتكۈزگەن زىياندىن ماختىنىسەن؟ كۈن بويى تىلىڭ ھالاكەتنى ئويلايدۇ». 52:1 1سام. 22‏:9-23 52:4 «ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھامان ئادەمنى يۇتۇۋېتىدىغان سۆزلەر». 52:8 «مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن» ــ «زەيتۇن دەرىخى» ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەردىن بىرى. 52:9 «مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «مۆمىن بەندىلەر ئالدىدا نامىڭنى تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ چۈنكى نامىڭ ئەۋزەلدۇر».